«كۆزەت»نىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا نەشر قىلىش

«كۆزەت»نىڭ ماقالىلىرى، تەكشۈرۈش خەۋەرلىرى ۋە ئەسلى گرافىكلىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى © Uyghur Monitor Inc. غا تەۋە. بارلىق ھوقۇقلار ساقلىنىدۇ.

خەۋەرلىرىمىزدىن پايدىلىنىش. ئاخبارات ئورگانلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە باشقىلارنىڭ «كۆزەت»نىڭ بايقاشلىرى ھەققىدە خەۋەر قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. خەۋەر قىلغاندا، تېكىست ئىچىدە «كۆزەت»نىڭ نامىنى ئېنىق تىلغا ئېلىڭ (مەسىلەن: «كۆزەتنىڭ بىر تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا»)، ھەمدە ئەسلى ماقالىنىڭ ئۇلانمىسىنى بېرىڭ. «كۆزەت» تۇنجى بولۇپ خەۋەر قىلغان بايقاشلارنى ئۆزىڭىزنىڭ خەۋىرى سۈپىتىدە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.

نەقىل ئېلىش. «كۆزەت»نى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئەسلى ماقالىنىڭ ئۇلانمىسىنى بېرىش شەرتى بىلەن، 100 سۆزدىن ئاشمايدىغان قىسقا پارچىلارنى نەقىل ئالسىڭىز بولىدۇ.

قايتا نەشر قىلىش. «كۆزەت»نىڭ ھەرقانداق ماقالىسى، خەۋىرى ياكى تەكشۈرۈش خەۋىرىنى تولۇق ياكى ئاساسىي قىسمىنى قايتا نەشر قىلىش ياكى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن «كۆزەت»نىڭ يازما رۇخسىتى تەلەپ قىلىنىدۇ. رۇخسەت سوراش ئۈچۈن republishing@kozet.org ئادرېسىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، قايتا نەشر قىلماقچى بولغان ماقالە، ئۇنى ئېلان قىلىدىغان ئاخبارات ئورگىنى ۋە ئىشلىتىش شەكلىڭىزنى بايان قىلىڭ. رۇخسەت قىلىنغان قايتا نەشرلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:

  • ئاپتورنىڭ ئىسمى، خەۋەرنىڭ ئورۇن ۋە ۋاقىت بەلگىسى ھەمدە «بۇ ماقالە تۇنجى قېتىم ‹كۆزەت›تە ئېلان قىلىنغان» دېگەن جۈملە ئەسلى ماقالىنىڭ ئۇلانمىسى بىلەن بىرگە ساقلىنىشى؛
  • ماقالىنىڭ مەنىسى، جۈملىدىن ماۋزۇسى، نەقىللىرى ياكى مەنبەلىرى ئۆزگەرتىلمەسلىكى؛
  • «كۆزەت» كىرگۈزگەن ھەرقانداق تۈزىتىش ياكى يېڭىلاش ئۆز ئىچىگە ئېلىنىشى.

سۈرەت ۋە گرافىكلار. سۈرەت، سىن، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە گرافىكلارنى قايتا نەشر قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىدا ئۈچىنچى تەرەپكە تەۋە ماتېرىياللار بار بولۇپ، «كۆزەت» ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى باشقىلارغا بېرەلمەيدۇ. ئۇلار ئېلان قىلىنغان «كۆزەت» ماقالىسىنىڭ ئۇلانمىسىنى بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنى ئۆز بېتىڭىزگە سىڭدۈرۈش، كۆرسىتىش ياكى بىۋاسىتە ئۇلاپ (hotlink) ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

سودا مەقسىتىدە ئىشلىتىش ۋە قوللاش ئىپادىسى چەكلىنىدۇ. «كۆزەت»نىڭ مەزمۇنلىرىنى سېتىشقا، ئېلانلاردا ئىشلىتىشكە ياكى «كۆزەت» بىرەر مەھسۇلات، مۇلازىمەت، تەشكىلات ياكى كۆز قاراشنى قوللايدۇ دېگەن تەسىر پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

«كۆزەت» ھەرقانداق ۋاقىتتا رۇخسەت بېرىشنى رەت قىلىش ياكى بېرىلگەن رۇخسەتنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە. «كۆزەت» ئامېرىكا باج قانۇنىنىڭ 501(c)(3) ماددىسى بويىچە تىزىملاتقان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات Uyghur Monitor Inc. تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.

سوئاللىرىڭىز بولسا republishing@kozet.orgدېگەن ئېلخەت ئادرېسىمىزغا خەت يېزىڭ.

نەشر ھوقۇقى © 2026 Uyghur Monitor Inc.