ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش يىغىنىدا گوللاندىيە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ھوشۇر سەلەي «ئالتۇن خوراز» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
راھىلە داۋۇت جاسارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

«كۆزەت» نىڭ ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى كۈندىلىك خەۋەرلەر توپلىمى.2026-يىلى 10-نويابىر، سەيشەنبە.

مۇھىم خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش يىغىنىدا گوللاندىيە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ خىتاي قارشى چىقتى
ب د ت نىڭ يىغىن توغرىسىدىكى خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، دۈشەنبە كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن تايلاندنى «قەرەللىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش» يىغىنىدا، گوللاندىيە 2025-يىلى 40 ئۇيغۇر ئەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە تايلاندتا يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بەش ئۇيغۇر توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. گوللاندىيە مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشتىن قوغداشنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ تايلاندنىڭ دۆلەتلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىش سىياسىتىگە ئېرىشىشىنى تەۋسىيە قىلغان. خىتاي ۋەكىلى بۇ سۆزلەرنى يالغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغان دەپ رەت قىلغان.تايلاند ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىلى خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلەر ۋە يەتتە كۈنلۈك ئەرز قىلىش مۆھلىتىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، 2026-يىللىق چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش بەلگىلىمىسىنى ئاقلىغان، شۇنداقلا بىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى يىغىن ئاخىرىدا، سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئامىللارنىڭ قوغداش مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ يىغىن خاتىرىسى ئاپتوماتىك ترانسىكرىپىتسىيە قىلىنغان بولۇپ، ب د ت نىڭ رەسمىي ئارخىپى ھېسابلانمايدۇ.(ب د ت يىغىن خاتىرىسى، 9-نويابىر)

ۋەتەنگە ئائىت خەۋەرلەر

ھوشۇر سەلەي مۇقامچى تۇردى ئاخۇننىڭ رولىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن «ئالتۇن خوراز» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
سەيشەنبە كۈنى «كۆزەت» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىغا «ھوشۇر قارى» ئىسمى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ئارتىس ھوشۇر سەلەي، خىتاينىڭ 39-نۆۋەتلىك «ئالتۇن خوراز» مۇكاپاتىدا «ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق فىلىم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ تارىخىي دراما 1950-يىللىرىدىكى ئون ئىككى مۇقامنى ئاۋازغا ئېلىش (خاتىرىلەش) جەريانىنى بايان قىلىدۇ.
ھوشۇر سەلەي شيامېندا مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىۋېتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «تەڭرىتاغ» كىنو سىتۇدىيەسىگە رەھمەت ئېيتقان. بۇ فىلىمنى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان بولۇپ، مەزكۇر كىنو سىتۇدىيەسى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان. شۇنداقلا، «ۋەن تۇڭشۇ» فىلىمى يەنە ئەڭ ياخشى مۇزىكا مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن.
(«كۆزەت»، 10-نويابىر)

يېزا-قىشلاقلاردىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتى ئۇيغۇر رايونىدىكى بەلگىلەنگەن جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى بولغان «خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ سەيشەنبە كۈنى مىنىستىرلىقلارنىڭ بىرلەشمە ئۇقتۇرۇشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 2030-يىللىق قوبۇل قىلىشتىن باشلاپ، يېزا-قىشلاق ۋە ئۆزلىرى «ئىلگىرىكى نامرات» دەپ ئاتايدىغان رايونلار ئۈچۈن يولغا قويغان ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنىڭ ئالاھىدە پىلانىنى «يېزا-قىشلاقنى گۈللەندۈرۈش» تۈزۈمىگە ئالماشتۇرىدىكەن. خىتاي بويىچە يولغا قويۇلغان تۈرھۆكۈمەت بەلگىلىمىسى ئاستىدا بېكىتىلگەن ئۇيغۇر رايونىدىكى جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلار شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان بولۇشى ھەمدە كەم دېگەندە ئۈچ يىللىق يەرلىك نوپۇسقا ئېلىنىش، مەكتەپ تىزىملىكىگە كىرىش ۋە دەرسكە قاتنىشىش شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك؛ يەرلىك دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي شەرتلەرنى بېكىتىپ چىقىدۇ. ئىجرا قىلىش لايىھەلىرىنىڭ 2027-يىلى 5-ئايغىچە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى تۈرلەر 2029-يىلىغىچە داۋاملىشىدىكەن.
(خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى، 10-نويابىر)


مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر

راھىلە داۋۇت گېرمانىيە پارلامېنتىدا 50 مىڭ ياۋرولۇق جاسارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «ئاكسېل سىپىرىنگېر ئەركىنلىك فوندى جەمئىيىتى» نىڭ 9-نويابىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر فوندى جەمئىيەت دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك ئاياللار باشلىقلار يىغىنى» دا تۈرمىدىكى ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھدىلە داۋۇتنى تەقدىرلىگەن. ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەزكۇر فوندى جەمئىيەت مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس مۇكاپاتنى راھىلە داۋۇتقا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. فوندى جەمئىيەت مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش يۈزىسىدىن بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. بۇ مۇكاپات پۇلى گېرمانىيە پوچتا نومۇرى لاتارىيەسى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن.(ئاكسېل سىپىرىنگېر، 9-نويابىر)





خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە تەڭگە پۇل ئىدارىسى تارىخىي ئۇيغۇر دۆلىتىگە بېغىشلانغان كۈمۈش تەڭگە تارقاتتى

تۈركىيە باج ۋە مالىيە خەۋەرلىرى تورى بولغان «ئالومالىيە» دە ئېلان قىلىنغان دۆلەتلىك تەڭگە پۇل بېسىش ئىدارىسىنىڭ 6-نويابىردىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دۆلەتلىك تەڭگە پۇل بېسىش ئىدارىسى ئۆزىنىڭ «تۈرك دۆلەتلىرى» يۈرۈشلۈك تەڭگىلىرىنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا بېغىشلانغان سەككىزىنچى قېتىملىق كۈمۈش تەڭگىسىنى 10-نويابىر سېتىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلىنىشىچە، بۇ تەڭگىنىڭ يۈز قىممىتى 20 لىرا، سېتىلىش باھاسى 5250 لىرا بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 3000 دانە بېسىلىدىكەن. سېتىش ئىشلىرى ئىستانبۇلدا شۇنداقلا توردا ئەتىگەن سائەت 10:00 دا باشلىنىدىكەن.(«ئالومالىيە» تورى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان تۈركىيە دۆلەتلىك تەڭگە پۇل بېسىش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى، 9-نويابىر)




تاراتقۇلارنىڭ كۆزىتىشى

خىتاي بىرلىكسەپ ئوبزورى ستارباكس ۋە مېھمانخانا سېلىنمىسىنى چەت ئەلنىڭ تەنقىدىگە جاۋاب سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى سەيشەنبە كۈنى «خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان، سەھىپىدە يۈننەن بىرلىكسەپ ھېساباتى دەپ كۆرسىتىلگەن «يۈنلىڭ تۇڭشىن» نىڭ بىر ئوبزورى، بازار تاللىشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ چەت ئەلنىڭ خىتاي چېگرا رايونلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەشلىرىگە جاۋاب بولىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىش بىلەن باشلانغان. ئوبزوردا ئۈرۈمچى چوڭ بازاردىكى ستارباكس، مېھمانخانا تۈرلىرى ۋە ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، چەت ئەلنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ۋە «مىللەتلەر ئىناقلىقى» نىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى دەپ تەسۋىرلەپ، شىركەتلەرنىڭ سودا ھەرىكەتلىرىنى ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەپ كۆرسەتكەن. 21-ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنغان «كۆزەت» نىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا بايقىلىشىچە، مەزكۇر ستارباكس دۇكىنى 2019-يىلى خوتەندىكى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر ئۇيغۇر ئائىلە شىركىتىدىن مۇسادىرە قىلىشقا بۇيرۇلغان بىر بىناغا جايلاشقان.(«خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى» ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان يۈننەن بىرلىكسەپ ئوبزورى، 10-نويابىر؛ «كۆزەت»، 21-ئۆكتەبىر)

دىققەتتە

10-نويابىر، بىريۇسسېل، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00: بىر تەشەببۇسكار تەشكىلات بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى سپىنېللى (Spinelli) بىناسىنىڭ 5G1 نومۇرلۇق زالىدا «گۇۋاھلىق بېرىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. (دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ X تىكى ئۇقتۇرۇشى)

12-نويابىر، جەنۋە، چۈشتىن كېيىن سائەت 12:30: تەكشۈرۈش يىغىنى رەئىسىنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاندنى تەكشۈرۈش يىغىنىنىڭ تەۋسىيەلىرى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، 13-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 دىن باشلاپ ماقۇللاش ئۈچۈن كۆرۈپ چىقىلىدۇ. (ب د ت يىغىن خاتىرىسى، 9-نويابىر)

12-نويابىر، بېرلىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تىن 6:00 گىچە: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ماركگرافېن كوچىسى 35-نومۇردىكى تەيبېي ۋەكىللەر ئورنىدا «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش» ۋە خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» تېمىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. (بېرلىن ئەركىنلىك ھەپتىلىكى)

13-نويابىردىن 15-نويابىرغىچە، گۇاڭجۇ: ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى مەركىزىنىڭ C رايون، 16.2-زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
(«شىنكۇەيباۋ»، 7-نويابىر، A04-بەت)

2027-يىلى 5-ئايغىچە: رايوننىڭ سالاھىيەت بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ يەرلىكتە ئىجرا قىلىش لايىھەلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. (خىتاي ئاخبارات ئاگېنتلىقى، 10-نويابىر)

بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتى يەرلىك ۋاقىت

«رادار» سەھىپىسىنى «كۆزەت» تەھرىرلىرى مەخسۇس رەتلەپ چىققان بولۇپ، مەزمۇنلارغا «كۆزەت» نىڭ ئۆز خەۋەرلىرى، ئاممىۋى ھۆججەتلەر ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ئاساس قىلىنغان ھەمدە ھەر بىر تارماق خەۋەرنىڭ مەنبەسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. «كۆزەت» ئەسلىدىكى ئارخىپ ياكى ھۆججەتلەرنى بىۋاسىتە كۆرگەن ئەھۋالدا، خەۋەردە بۇ نۇقتا ئېنىق ئەسكەرتىلىدۇ؛ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەلۇم بىر دەۋانى دەلىللەش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق ئىزاھات بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر ۋە ھوقۇق قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ سۆزلىرى پاكىت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى پەقەتلا بايانات سۈپىتىدە خەۋەر قىلىنىدۇ. يەر-جايلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ئالدىدا، رەسمىي خىتايچە نامى بولسا تىرناق ئىچىدە كۆرسىتىلىدۇ. مەزكۇر سەھىپە خىزمەت كۈنلىرى (دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە) ئامېرىكا شەرقىي رايون ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ. تەھرىرلەش ئۆلچىمى ۋە تۈزىتىشلەر: kozet.org/editorial-standards.

مەنبەلەر

Universal Periodic Review of Thailand, automated transcript (UN Transcripts, November 9) https://transcripts.un.org/en/asset/k1d/k1d6mqfs4e
Hoshur Seley wins Golden Rooster award (Közet, November 10) https://kozet.org/hoshur-seley-golden-rooster-award/
Rural revitalization special admissions plan to replace existing programs from 2030 (China News Service, November 10) https://www.chinanews.com.cn/edu/2026/11-10/10729219.shtml
Axel Springer Freedom Foundation awards Award for Courage to Rahile Dawut (Axel Springer, November 9) https://www.axelspringer.com/de/ax-press-release/axel-springer-freedom-foundation-verleiht-award-for-courage-an-rahile-dawut
Uyghur State commemorative coin goes on sale (Alomaliye, November 9) https://www.alomaliye.com/2026/11/09/uygur-devleti-hatira-parasi-satisa-cikiyor/
Yunling Tongxin commentary (China News Service, November 10) https://www.chinanews.com.cn/txy/2026/11-10/10729271.shtml
New Starbucks in China stands wall to wall with building seized from Uyghur family over terrorism charge (Közet, October 21) https://kozet.org/starbucks-urumqi-seized-uyghur-family-building/
Brussels event announcement (World Uyghur Congress on X) https://x.com/UyghurCongress/status/2113654155302592857
Uyghur Rights Beyond China’s Borders (Berlin Freedom Week, November 12 program) https://berlin-freedom-week.com/en/event/uyghur-rights-beyond-chinas-borders-transnational-repression-shadow-ethnic-unity-law
Guangzhou forestry and fruit expo (Xinkuaibao, November 7, A04) https://epaper.xkb.com.cn/view/1270244