ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان چەت ئەلدىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان سۈنئىي ئىدراك ئۆزەكلىرىگە ئىجازەتنامە تەلەپ قىلىدۇ.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى باش شتابى خىتايدا تۇرۇشلۇق شىركەتلەرنى زور مىقداردا ھېسابلاش كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىغان چەت ئەلدىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئىلغار سۈنئىي ئىدراك ئۆزەكلىرىگە ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى تەلەپ قىلىدىغان بىر بەلگىلىمە ئېلان قىلدى.

«ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى يىراقتىن زىيارەت قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش» ناملىق بۇ ۋاقىتلىق ئاخىرقى بەلگىلىمە، خىتاي، ئاۋمېن ۋە ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ ئېمبارگوسى ئاستىدىكى باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق شىركەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ھەرقانداق دۆلەتتىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

مىنىستىرلىقنىڭ سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ بەلگىلىمىنىڭ نۆۋەتتىكى چەكلىمىلەرنى «ئۈچىنچى دۆلەتلەردىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىگە چېتىلىدىغان يىراقتىن ھېسابلاش ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئارقىلىق ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىغا» كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئايرىم بىر ئىجازەتنامە تەلىپى ھىندونېزىيە، مالايسىيا، سىنگاپور، تايلاند ۋە بىرازىلىيەگە ئەۋەتىلىدىغان ئۆزەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەتلەردە «نورمالدىن يۇقىرى باشقا ياققا بۇراپ كېتىش خەۋپى» مەۋجۇت ئىكەن. باش شتابى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق شىركەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ماللار ئايلىق دوكلات بېرىش شەرتى بىلەن بۇنىڭدىن مۇستەسنا قىلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر بەلگىلىمىگە چېتىلىدىغان شىركەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى بەلگىلىمە كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ 90 كۈن ئىچىدە ئىجازەتنامە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

ئاۋام پالاتاسى خىتاي كومپارتىيەسى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مىچىگان شتاتىدىن بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئەزاسى جون مولېنار (John Moolenaar) كومىتېتنىڭ LinkedIn دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ بەلگىلىمىنىڭ «ئامېرىكىنىڭ خىتاي نەچچە يىلدىن بۇيان پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان خەتەرلىك ئېكسپورت كونتروللۇقىدىكى يوچۇقلارنى ئېتىشكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ بەلگىلىمە 19-نويابىر «فېدېراتسىيە گېزىتى» (Federal Register) دە ئېلان قىلىنىشى بىلەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.