تەيۋەن ئەمەلدارى خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنىنى چەت ئەلدىكى باستۇرۇش قورالى دەپ ئاتىدى؛ بىڭتۇەن ئەسكەرلىرى قىشلىق مەشىقىنى باشلىدى؛ خوتەن ياڭىقى بېسىلغان پويىز تۈركىيەگە ماڭدى.

كۆزەتنىڭ ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ۋە ئەتراپىدىكى دۇنيا توغرىسىدىكى كۈندىلىك خەۋەرلەر خۇلاسىسى. 2026-يىلى 23-نويابىر، دۈشەنبە.

ئاساسلىق خەۋەرلەر

تەيۋەن ئەمەلدارى خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قانۇنىنى چەت ئەلدىكى باستۇرۇشنىڭ قانۇنىي قورالى دەپ ئاتىدى
تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چيۇ چۇيچېڭ يەكشەنبە كۈنى تەيبېيدىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» غا ئاساسەن، «بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» كە ماسلاشمىغان ھەرقانداق ئادەم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان» دەپ قارىلىپ جازالىنىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قانۇننىڭ چېگرادىن ھالقىغان بەلگىلىمىلىرى ئۇنى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ قانۇنىي قورالىغا ئايلاندۇرغان. بۇ قانۇن 1-ئىيۇلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغانىدى. 63-ماددىدا قانۇنىي جاۋابكارلىق خىتاي سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرگىمۇ كېڭەيتىلگەن بولۇپ، 21-ماددىدا تەيۋەن خەلقىنىڭ خىتاي مىللىتىگە بولغان «تەۋەلىك تۇيغۇسى» نى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان. ئىيۇل ئېيىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بۇ قانۇنغا قىلغان تەنقىدىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ رەت قىلغانىدى. (تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى، 22-نويابىر؛ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 12-مارت؛ بىرلەشمە گېزىتى، 4-ئىيۇل)

ۋەتىنىمىزدىن خەۋەرلەر

بىڭتۇەن ئەسكەرلىرى قىشلىق مەشىقىنى باشلىدى
شەنبە كۈنى بىڭتۇەن رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۈەن 20-نويابىر ئۆزىنىڭ «2027-يىللىق» خەلق ئەسكەرلىرى قىشلىق مەشىقى ۋە دىۋىزىيە، تۇەن دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ھەربىي كۇرسىنى باشلىغان .
بىڭتۇەن پارتكوم سېكرېتارى ۋە سىياسىي كومىسسارى خې جۇڭيۇ بۇ مەشىقنى «مۇقىملىقنى قوغداش ۋە چېگرانى مۇداپىئە قىلىش» بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى، شۇنداقلا كوممۇنىستىك پارتىيەگە بولغان «مۇتلەق ساداقەت» نى تەكىتلەيدىغان سىياسىي تەربىيەنى تەلەپ قىلغان. بىڭتۇەن ئۆتكەن يىللىق مەشىقنى 8-دېكابىر باشلىغان ئىدى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 2020-يىلى 7-ئايدا رايوندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، بىڭتۇەنگە ئېمبارگو قويغانىدى. (بىڭتۇەن رادىيو-تېلېۋىزىيەسى، 21-نويابىر؛ بىڭتۇەن گېزىتى، 2025-يىلى 9-دېكابىر؛ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى، 2020-يىلى 31-ئىيۇل)

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر

تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «قارلىق تاغ مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر ۋەكىل ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىلارنىڭ ئېلىۋېتىلىش ئەھۋالىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ھىندىستاننىڭ دارامسالاغا جايلاشقان تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى — مەركىزىي تىبەت مەمۇرىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساۋۇت مەمەت 22- ۋە 23-نويابىر تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلگەن «2026-يىللىق قارلىق تاغ مۇنبىرى» دە سۆز قىلىپ، ، قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىلارنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى ياكى چەكلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن. بۇ قانۇننىڭ 15-ماددىسىدا خىتاي تىلى مائارىپ (ئوقۇتۇش) تىلى قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، ئاممىۋى ۋىۋىسكىلارمۇ خىتايچە يېزىلىدۇ.
مەزكۇر مۇنبەرنى دالاي لاما تىبەت دىنىي فوندى جەمئىيىتى بىلەن تەيبېيدىكى تىبەت ئىش بېجىرىش ئورنى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. (مەركىزىي تىبەت مەمۇرىيىتى، 22- ۋە 23-نويابىر؛ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 12-مارت)

خەلقئارا خەۋەرلەر

خوتەن ياڭىقى بېسىلغان نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە يولغا چىقتى
«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىممىتى تەخمىنەن 25 مىليون يۈەنلىك، 1200 توننا ئەتراپىدىكى خوتەن ياڭىقى ۋە ياڭاق مېغىزى بېسىلغان 50 ۋاگونلۇق پويىز 21-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى سەنپىڭ يۈك مەيدانىدىن قورغاس ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ مەرسىن پورتىغا يولغا چىققان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يۈك پويىزى خوتەننىڭ تۇنجى بولۇپ ئۆزى باشقۇرىدىغان ئېكسپورت پويىزى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» قاتناش تۈرى بويىچە تۈركىيەگە قاتنىغان تۇنجى« ياڭاق توشۇش پويىزى» ئىكەن.
ياڭاقلار پويىزغا بېسىلىشتىن بۇرۇن خوتەندىن ئۈرۈمچىگە يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن توشۇلغان.
بۇ رايوندىن مەرسىنغا بارىدىغان ياڭاق توشۇش پويىزلىرىنىڭ تارىخى ئاز دېگەندىمۇ 2019-يىلى 12-ئايغا تۇتىشىدىكەن. («خىتاي كۈندىلىك گېزىتى»، 21-نويابىر؛ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، 2019-يىلى 26-دېكابىر)

تاراتقۇلارنىڭ كۆزىتىشى

خاڭجۇ تاراتقۇسى ئاقسۇ مەشرەپ ئويۇنىنى «نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» مۇۋەپپەقىيىتى سۈپىتىدە كۆرسەتتى
«خاڭجۇ تورى» شەنبە كۈنى ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ 20-نويابىر خاڭجۇدىكى مەھەللە ئويۇنى ۋە 22-نويابىر خاڭجۇ چوڭ قانال تىياتىرخانىسىدا ئورۇنلىنىشى پىلانلانغان، سەھنىلەشتۈرۈلگەن مەشرەپ ئويۇنى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە بۇ ئويۇنلار، يەرلىك مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسى ۋە پىلانلانغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى خاڭجۇنىڭ ئاقسۇغا قىلغان «نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» مۇۋەپپەقىيەتلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. («خاڭجۇ تورى»، 21-نويابىر)

دىققەتتە

27-نويابىردىن 30-نويابىرغىچە، مونترېئال (Montreal)، ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 9 غىچە:
Laurier-Sainte-Marie فېدېراتسىيە تولۇقلىما سايلىمىدا مۇددەتتىن بۇرۇن بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ سايلامدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى زۇمرەتئاي ئەركىن كۋېبېك گۇرۇھى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولىدۇ. رەسمىي سايلام كۈنى 7-دېكابىر. (كانادا سايلام ئىدارىسى)

1-دېكابىر، ئۇيغۇر ئېلى: رايوننىڭ «ئائىلە مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» كۈچكە ئىگە بولىدۇ. نىزامنامىنىڭ 20-ماددىسىدا، جەمئىيەتكە ماس قەدەمدە «دىنسىزلىق» ۋە «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» تەربىيەسى تەلەپ قىلىنغان؛ 30-ماددىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن ياكى ئازدۇرغان ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئىشلار ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نىزاملىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. (ئالتاي گېزىتى، 15-ئۆكتەبىر)

بارلىق پائالىيەتلەر يەرلىك ۋاقىتنى ئاساس قىلىدۇ

«رادار» سەھىپىسىنى «كۆزەت» تەھرىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرلىرى، ئاممىۋى ھۆججەتلەر ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ھەر بىر تارماق خەۋەردە مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن.
«كۆزەت» ئەسلى ھۆججەتنى ئوقۇغان بولسا، خەۋەردە بۇ نۇقتا ئېنىق ئېيتىلىدۇ؛ مەلۇم بىر دەۋانى دەلىللىيەلمىگەن بولسا، ئۇمۇ خەۋەردە ئەسكەرتىلىدۇ. ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرى پاكىت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بايانات سۈپىتىدە خەۋەر قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە يەر ناملىرى بېرىلىدۇ، ئارقىدىن تىرناق ئىچىدە خىتايچە رەسمىي نامى كۆرسىتىلىدۇ. خەۋەرلەر ھەر ھەپتىنىڭ خىزمەت كۈنلىرى ئامېرىكا شەرقىي قىرغاق ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ.
تەھرىرلەش ئۆلچىمى ۋە تۈزىتىشلەر: kozet.org/editorial-standards.

مەنبەلەر:
China’s ethnic-unity law increases risks for Taiwanese traveling to China, Chiu says (Central News Agency, November 22): https://www.cna.com.tw/news/acn/202611220055.aspx
Law of the People’s Republic of China on Promoting Ethnic Unity and Progress (Xinhua, March 12) https://www.news.cn/20260313/9d13d906e61b4ce7bc8a4e653e3b8e67/c.html
Ethnic unity law takes effect; Chiu says China’s legal warfare against Taiwan enters new stage (United Daily News, July 4) https://udn.com/news/story/7331/9606015
[EDITOR: XPCC Radio and Television report, November 21, URL]
XPCC holds 2026 winter training mobilization meeting (XPCC Daily via People’s Daily Online, December 9, 2025) http://xj.people.com.cn/n2/2025/1209/c186332-41437268.html
Treasury Sanctions Chinese Entity and Officials Pursuant to Global Magnitsky Human Rights Executive Order (U.S. Treasury, July 31, 2020) https://home.treasury.gov/news/press-releases/sm1073
[EDITOR: Central Tibetan Administration, November 22 and 23, URLs from your draft]
[EDITOR: China Daily, November 21, original chinadaily.com.cn URL]
Xinjiang walnuts take China-Europe train for first large export (Xinhua, December 26, 2019) http://m.xinhuanet.com/2019-12/26/c_1125388720.htm