ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەپتىلىكى» ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان قارا قولى
بىر ھەپتىلىك پائالىيەت تەشۋىقات نىشانىنى خىتاي مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرگەن. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتى «كۆزەت»كە «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتى «كۆزەت»كە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئارقىسىدىكى قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەمەلىيەتلەرنى رەسمىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگۈسىدە ئاسسىمىلياتسىيە بېسىمىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەپتىلىكى» 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەت «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى 9-ئاينىڭ تۆتىنچى ھەپتىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 65 ماددىدىن تەركىب تاپقان بۇ قانۇن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ماقۇللىنىپ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغانىدى.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مايا ۋاڭ (Maya Wang) «كۆزەت»كە بەرگەن يازما باھاسىدا، بۇ قانۇننىڭ يېڭى قانۇنىي قوراللارنى يارىتىشتىن كۆرە، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئالىقاچان ئىجرا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى ۋە بىر قاتار ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ «كۆزەت» گە قىلغان سۆزىدە: «خىتاينىڭ قانۇنلىرى دائىم رەسمىي سىياسەتلەرنىڭ كۆرسەتكۈچى بولۇپ، سىياسىي يۆنىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، قانۇن ئاساسەن مەۋجۇت ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھوقۇقدارلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك كونتروللۇقنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ، پارتىيە-دۆلەتنىڭ سادىق پۇقرالىرىغا ئايلاندۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەش» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، خىتاي دۆلەتلىك مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى ۋە پۈتۈن خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. پائالىيەتتە سىياسىي سۆھبەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن، ياش-ئۆسمۈرلەرگە يېڭى قانۇن ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلغان.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى»دىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، «مىللەتلەر بىر ئائىلىدەك ئىناق بولۇش» پائالىيەتلىرى ۋە «دۆلەت ئورتاق تىلى مۇسابىقىلىرى» قاتارلىق 12 تۈرلۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۈرۈمچىدىكى بىر خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭچياڭ 2004-يىلى سودا جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مەمۇرىي ئىشلار بۆلۈمى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى (CECC) نىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ قانۇن يەرلىك خەلقلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەكتەپكە كىرىش يېشىدىن باشلاپلا خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان تەلىم-تەربىيەنى مەجبۇرىي تاڭىدىدىكەن، خىتاي قانۇنىدا تىلغا ئېلىنغان «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى قوغداش» دېگەن بەلگىلىمىلەرگە قارىماي، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىش رولىنى ئوينايدىكەن؛ خىتايدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىدا خىتاينىڭ دۆلەت تارىخى، خىتايدىكى مىللەتلەر، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتايدىكى دىنلار توغرىسىدا كومپارتىيە ماقۇللىغان ئاتالمىش «توغرا قاراش»نى سىڭدۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىكەن.
«تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قانۇن دىننى خىتايلاشتۇرۇش تەلىپى ئارقىلىق دىنىي ئىبادەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىدىغان دۆلەت كونتروللۇقىنى كېڭەيتىدىكەن ۋە قانۇننىڭ ئىجرا بولۇش دائىرىسىنى خىتاي سىرتىغىمۇ ئۇزارتىدىكەن. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھوقۇقدارلىرىنىڭ چەت ئەللەردە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ قارالغان كىشىلەرگە قارشى ھەرىكەت قىلىشىغا ۋاسىتە بولىدىكەن. مەزكۇر قانۇننىڭ 63-ماددىسىدا: «خىتاي چېگراسى سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەردىن خىتايغا قارشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار، مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېيىلگەن.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تەشكىلاتىدىن مايا ۋاڭ بۇ بەلگىلىمىگە قارىتا مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇننىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىجرا قىلىش مېخانىزىمى تىلغا ئېلىنمىغان، بىراق بۇ تېخىمۇ چوڭ بىر پۈتۈنلۈكنىڭ، يەنى شۇنداق ئىجرائاتلارنى كۈچەيتىدىغان قانۇن-نىزام توپلىمىنىڭ بىر قىسمىدۇر». ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان قارا قولىنى چەت ئەللەرگە ئۇزارتىش، جۈملىدىن چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بارغانسېرى كۆپ قانۇن تۈزگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر قانۇنغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلغان. «رويتېرس ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر قانۇن غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ چەت ئەلگە قول سوزۇشىنى قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 3-ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە سوئال سورالغاندا خىتاي باياناتچىسى گو جياكۇن مەزكۇر قانۇننىڭ چەت ئەلگە تەتبىقلىنىدىغان ياكى تەتبىقلانمايدىغانلىقى ھەققىدە نەق جاۋاب بەرمەستىن: «مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىر تەرەپلىمە ئىدىيەگە ئېسىلىۋېلىپ، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە قەستەن تۆھمەت قىلماقتا. بىز ئۇ دۆلەتلەرنى ئاساسىي پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلىشقا، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىشنى توختىتىشقا، شۇنداقلا ئاتالمىش مىللەتلەر مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىغا دەۋەت قىلىمىز» دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرگەنىدى.
مايا ۋاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ قانۇننىڭ تەسىرى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كىرىدۇ: مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئەمەلدارلىرى مەزكۇر قانۇن ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقلارنى كۈندىلىك خىزمىتىگە كىرگۈزۈشى كېرەك». مايا ۋاڭ ئۇنى «قايتا-قايتا ئىجرا قىلىش قوزغاتقۇچلىرى» دەپ ئاتىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەزكۇر ئەمەلدارلارنىڭ چەت ئەلدىكى جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مايا ۋاڭ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن غايەت زور بيۇروكراتىك ئاپپاراتلارغا سىگنال بېرىش ھەمدە ئۇنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان».
