خەۋەر

ستارباكس ئۈرۈمچىدە تۇنجى دۇكانلىرىنى ئاچتى

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ستارباكسنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇنجى دۇكانلىرىنى ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئەمما ستارباكس بۇنى ئۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى شىركەت خەۋەرلىرى تور بېتىدە ئېلان قىلمىدى.

خىتاي «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ستارباكس 29-سېنتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە تۇنجى ئىككى دۇكىنىنى ئاچقان. ستارباكس 1-ئۆكتەبىر كۈنى، يەنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىشىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، خىتايدىكى 41 شەھەردە «شىنجاڭ ئالاھىدىلىكى» بولغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈگەن.

خىتايدىكى ستارباكس 29-سېنتەبىر ئۆزىنىڭ «ۋېيبو» (Weibo) ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا: «ستارباكسنىڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى ئابىدە خاراكتېرلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بايراقدار دۇكىنى رەسمىي ئېچىلدى» دېيىلگەن. ئۇچۇردا خېرىدارلار «يۇلتۇز بازار»دا مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يەردە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئائىت توقۇمىچىلىق سەنئىتىدىن زوقلىنىش» بىلەن بىرگە «چەكلىك ساندىلا تەمىنلەنگەن تەملەردىن ھوزۇرلانغىلى» بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇچۇردىكى سىندا ئەتلەستىن تىكىلگەن چىپاۋ ئۇسلۇبىدىكى كىيىمنى كىيگەن بىر مودېلنىڭ دۇكان تاختىسى يېنىدا ستارباكس لوڭقىسىنى تۇتۇپ تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ستارباكسنىڭ بىر دۇكىنى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازارغا جايلاشقان بولسا، يەنە بىرى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئېچىلغان ئىكەن.

خىتايدىكى ستارباكس شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باشقا بىر «ۋېيبو» ئۇچۇرىدا، 41 شەھەرگە تارقىتىلىدىغان تۆت خىل «شىنجاڭ ئالاھىدىلىكى» بولغان مەھسۇلاتنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇلار قايماق تەملىك سۈت چاي، مېغىزلىق باقلاۋا، مېغىزلىق شاكىلات باقالى ۋە سۈرلەنگەن پاقلان گۆشى قاتارلىقلار ئىكەن. ستارباكس يەنە خېرىدارلارغا 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ستارباكس ئەپ دېتالى ياكى ئاددىي پروگراممىسى ئارقىلىق زاكاز قىلىشنى ئەسكەرتكەن. ئۇچۇردىكى سىندا قىزىل كەشتىلىك دوپپا ۋە ياغلىق ئارتقان بىر ئېيىقچاق كۆرسىتىلگەن. ھەر ئىككى ئۇچۇردا «دۆلەت بايرىمىدا شىنجاڭ تەمىنى تېتىش ئۈچۈن ستارباكسقا كېلىڭ» دېگەندەك ھەشتەگلەر ئورۇن ئالغان.

[سۈرەتتە: خىتايدىكى ستارباكس «شىنجاڭ ئالاھىدىلىكى» تىزىملىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن «ۋېيبو»دا ئېلان قىلغان سىن كۆرۈنۈشى. ئۇنىڭدا بېشىغا قىزىل كەشتىلىك دوپپا، ئۇچىسىغا ئەتلەس نەقىشلىك يوپكا كىيگەن بىر ئېيىقچاقنىڭ ستارباكس دۇكىنىنىڭ ئالدىدا تۇرغان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. (سىن كۆرۈنۈشى: ستارباكس خىتاي/ۋېيبو)]

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى ستارباكسنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى موللى لىيۇ (Molly Liu) يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭغا كىرىشىمىز دۇكان تورىمىزنىڭ تېخىمۇ كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ بۇ ئاۋات بازار بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىزغا ۋە بۇ يەردىكى خېرىدارلىرىمىز بىلەن سەمىمىي، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاقە باغلىشىمىزغا يول ئاچىدۇ.» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مال باھا ۋە بازار تەڭشەش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى جاڭ يۈ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»غا قىلغان سۆزىدە، بۇ رايوننىڭ ئىچكى ئېھتىياج ۋە ئىستېمالنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈۋرۈكى سۈپىتىدە «تۇنجى دۇكان ئىقتىسادى»نى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بويۇ كاپىتال (Boyu Capital) باشقۇرۇشىدىكى فوندلار 2-ئاپرېلدىن باشلاپ ستارباكسنىڭ خىتايدىكى پارچە سېتىشلىرىنىڭ 60 پىرسەنت پاي ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. بويۇ كاپىتال خوڭكوڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە سىنگاپوردا شتابى بار مەبلەغ سېلىش شىركىتى ھېسابلىنىدىكەن. ستارباكس 40 پىرسەنت پايغا ئىگە بولۇپ، ئۆز ماركىسىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن. كىشىنى تەئەججۈپلەندۈردىغىنى شۇكى، 29-سېنتەبەرگىچە بۇ دۇكانلارنىڭ ئېچىلىش خەۋەرلىرى ستارباكسنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى خەۋەر سەھىپىسىدە ياكى «ئاسىيادىكى ستارباكس ھېكايىلىرى» (Starbucks Stories Asia) تور بېتىدە ئېلان قىلىنمىغان.

ستارباكس شىركىتى بۇ خەۋەر چىققانغا قەدەر «كۆزەت»نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2021-يىلى 1-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بېكىتكەن ئىدى. «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ئۈرۈمچىدىكى دۇكانلارنىڭ ئېچىلىشىنى ستارباكسنىڭ بۇ رايوندىكى تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە تەرىپلىگەن.

«كۆزەت» ستارباكس شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاچقان دۇكانلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ تەپسىلاتلىق دوكلات ئېلان قىلىدۇ.