گېرمانىيە فوندى جەمئىيىتى راھىلە داۋۇتنى تەقدىرلىدى

ئاكسېل سىپىرىنگېر ئەركىنلىك فوندى جەمئىيىتى دۈشەنبە كۈنى بېرلىندىكى گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، 2026-يىللىق جاسارەت مۇكاپاتىنى خىتايدا تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر ئالىمە راھىلە داۋۇتقا تەقدىم قىلدى.

فوندى جەمئىيەت بىر باياناتىدا، بۇ مۇكاپاتنىڭ پوچتا نومۇرى لاتارىيەسى تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن 50 مىڭ ياۋرو مۇكاپات پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فوندى جەمئىيەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئانتجې شىپمان «كۆزەت» كە ئەۋەتكەن ئېلخېتىدە مۇنداق دېدى: «50 مىڭ ياۋرولۇق بۇ ياردەم پۇلى دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بەلگىلىگەن پايدا ئالمايدىغان بىر تەشكىلاتقا بېرىلىدۇ. بۇ قارار تېخى چىقىرىلمىدى، شۇنداقلا تېخى ھېچقانداق پۇل تاپشۇرۇلمىدى.» فوندى جەمئىيەتنىڭ ئېيتىشىچە، روشەن ئابباس بۇ مۇكاپاتنى راھىلە داۋۇتنىڭ نامىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولاتنىڭ بىر پارچە خېتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

روشەن ئابباس ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەمدە 2004-يىلى ميۇنخېندا قۇرۇلغان چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمە ئورگىنى بولغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى.

شىپمان مۇنداق دېدى: «دوكتورراھىلە داۋۇتنى فوندى جەمئىيەت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىردەك ئاۋاز بىلەن تاللىدى. كومىتېتقا رىياسەتچىلىك قىلىدىغان روشەن ئابباسنىڭ بېلەت تاشلىشى ھېسابقا ئېلىنمىدى

راھىلە داۋۇت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ نەچچە ئون يىللاپ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، مازارلىرى ۋە تاۋاپگاھلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇ 2017-يىلى 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ،. سان-فرانسىسكودىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دۈيخۇا (Dui Hua) فوندى جەمئىيىتى 2023-يىلى 9-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇمات مەنبەسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
(خەۋەر مەنبەسى: دۈيخۇا فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئورگان تورى)

شیپمان مۇنداق دېدى: «فوندى جەمئىيەت ئۇنىڭ 2018-يىلى «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن مەخپىي سوت قىلىنغاندىن كېيىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئەرزىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانمىدى.» راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان قىزى ئەقىدە پولات ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشنىڭ ھېچقانداق چارىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئەقىدە پولات «كۆزەت» كە بەرگەن يازما جاۋابىدا: «مەن ۋەتەندىكى ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن، شۇڭا مەن ئانامنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق يېڭى ئۇچۇر ئالالمايۋاتىمەن،» دېدى. بېرلىن ۋە ۋاشىنگتونلاردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى يازما سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى. روشەن ئابباس «كۆزەت» كە بەرگەن يازما جاۋابىدا، گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى كىشىلەرنىڭ راھىلە داۋۇتنى پەقەت كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىكى بىر ئىسىملا دەپ قارىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. روشەن ئابباس مۇنداق دېدى: «ئۇ بىر ئانا، بىر ئالىمە ۋە بىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ جەسۇر قوغدىغۇچىسى. ئۇنىڭ قىزى ئىزچىل ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى كۈتمەكتە.»

روشەن ئابباس ئۆزىنىڭ ھەدىسى، پېنسىيەگە چىققان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭمۇ سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دەيدىغىنىم شۇكى، ھەممىدىن مۇھىمى (ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى) ئېتىراپ قىلىش چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكەتكە يېتەكلىشى كېرەك.» ئەقىدە پولات ۋىزا مەسىلىسى سەۋەبىدىن بېرلىنغا بېرىپ ئانىسى ئۈچۈن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ سۆزىنى يازما شەكىلدە ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. فوندى جەمئىيەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەقىدە پولات مۇراسىمدا ئوقۇلغان خېتىدە، ئانىسىنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كىملىكىنى قوغداشقا بېغىشلىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇشۇ سەۋەبلىك مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى يازغان. ئەقىدە پولات «كۆزەت» كە مۇنداق دېدى: «بۇ مۇكاپات ماڭا ئانامنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتمىگەنلىكى، ئۇنىڭ خىزمىتى ۋە قالدۇرغان مىراسلىرىنىڭ داۋاملىق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پەقەت تۆمۈر رېشاتكا ئارقىسىدا (تۈرمىدە) بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئاۋازىنى بوغۇپ تاشلىغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۈمىد بېغىشلىدى.»

ئۇ: «گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دىپلوماتىك سەۋىيەدە ئانامنىڭ دېلوسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەم تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،» دېدى. ئۇ ھەر ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە ئاشكارىلىقنى تەلەپ قىلىشى، شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. فوندى جەمئىيەتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇراسىم ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىك تېمىسىدىكى ئاياللار ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭغا 200 دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشقان. گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى يۇلىيا كلۆكنېر بىلەن فرانسىيە دۆلەتلىك ئاسسامبلېيەسىنىڭ رەئىسى يائېل بىراۋن-پىۋېت بىرلىكتە سۆز قىلغان.

روشەن ئابباسنىڭ ئېيتىشىچە، بېلارۇسىيە ئۆكتىچىلەر رەھبىرى سۋياتلانا تىخانوۋسكايا، ئىران ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى مەسىھ ئەلىنەژاد ۋە دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پېتېر روسكام قاتارلىقلارمۇ مۇراسىمغا قاتناشقان. ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى «كۆزەت» نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورگاندۇر.

ئېۋېلىن زۇپكې (سولدا) راھىلە داۋۇتقا مۇكاپات تەقدىم قىلماقتا، ئاكسېل سىپىرىنگېر ئەركىنلىك فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئانتجې شىپمان (ئوڭدا) راھىلە داۋۇتنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. مۇراسىم 2026-يىلى 9-نويابىر بېرلىندىكى گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. (سۈرەتنى فوتوگراف قەي ھېرشىلمان تارتقان)

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق شەرقىي گېرمانىيە مۇستەبىت تۈزۈمى قۇربانلىرى ئىشلىرى كومىسسارى ئېۋېلىن زۇپكې راھىلە داۋۇتقا ئاتاپ تەقدىرلەش سۆزى قىلدى. فوندى جەمئىيەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت تەتقىقاتلارنى ئۆز خەۋپسىزلىكىگە قىلىنغان تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

فوندى جەمئىيەت 2022-يىلىدىن بېرى ھەر يىلى «جاسارەت مۇكاپاتى» نى تارقىتىپ كەلگەن. ئىلگىرىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە خوڭكوڭلۇق نەشرىياتچى جىمىي لەي، شۇنداقلا تۈرمىگە تاشلانغان ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى دىلەك ئىمامئوغلۇ قاتارلىقلار بار. روشەن ئابباس مۇنداق دېدى: «راھىلەنىڭ جاسارىتىنى تەقدىرلەشلا يېتەرلىك ئەمەس؛ بىز چوقۇم (ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى) ئېتىراپ قىلىشنى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە، ئىتتىپاقداشلىقنى بولسا ئەركىنلىككە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»