بېيجىڭ تۈركىيەنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئەيىبلەۋاتقاندا، ئەنقەرە «شىنجاڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى تەشۋىقاتى»نى ئېلان قىلدى

ۋاشىنگتون — خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن تەنقىد ماقالىلىرى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش نەشىر قىلغان تۈركىيەنىڭ يېڭى دەرسلىك ماتېرىياللىرىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرسەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەشكە باشلىغان ئىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت خىتايدا ئوقۇيدىغان تۈرك ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى   تەشۋىقاتىنى ئېلان قىلغان. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەل ئوقۇش مۇكاپاتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇشتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2027-2028-ئوقۇش يىلىدا تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېتتا تولۇق كۇرس، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاجراتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇقتۇرۇشتا ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچى تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرىقى  ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشى تەۋسىيە قىلىنغان. 

بۇ ئۇقتۇرۇشتا قانچە ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىلىدىغانلىقى ۋە ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتى كۆرسىتىلمىگەن. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پەقەت بۇ خىلدىكى چەت ئەل ئوقۇتۇش مۇكاپاتى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش بىلەنلا چەكلىنىدىكەن، ئوقۇش مۇكاپاتىغا نامزات تاللاشقا مەسئۇل ئەمەس ئىكەن. ھالبۇكى، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر رايونىدىكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تور بېتىدە 2027–2028- يىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئ‍وقۇش مۇكاپاتى پروگراممىسىغا چۈشەنچە بېرىلمىگەن. بۇ ئۇلانمىلاردىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروگراممىسى ئوخشاش ئوقۇش مۇكاپاتى توغرىسىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ۋاقىت قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشۋىقات دەپتىرى 2026-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتى 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى توشۇپ بولغان. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرى بولسا 2024-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان ئىكەن.  

ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ ئۇلانمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ تۆت تۈرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن باشقا تۈردىكى ئوقۇش مۇكاپاتلىرى ئىكەن. شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، 2026-يىللىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇش مۇكاپات تۈرىگە پەقەت قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭڭلا ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقى، ئىلتىماس قىلىش مۇددىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 7-كۈنى توشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئوخشاشلا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرلىرى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، 2026-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان كونا ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن.   

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇردا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىغا «يىپەك يولى» ئاسپىرانتلىق تۈرى بويىچە 10 سان ئاجرىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان، ئەمما بۇ پەقەتلا خەۋەر خاراكتېرلىك ئۇچۇر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشنىڭ تەرتىپى ياكى كۆرسەتمىلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. 

شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدە، 2024-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلىنغان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئائىت ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن. ھالبۇكى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھازىرقى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، پەقەت ئۈندىدار  WeChat ) QR) كودىلا تەمىنلەنگەن. شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2026-يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قائىدىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 2027–2028-ئوقۇش يىلىغا دائىر ھېچقانداق كونكىرېت تەلەپ ياكى تەپسىلاتلار بېرىلمىگەن. 

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىنىڭ «قوشنا دۆلەتلەر» ئوقۇغۇچىلىرىنى نىشان قىلىدىغانلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تارماقلىرىغا ۋاكالىتەن يولغا قويۇلىدىغانلىقى، كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى ۋە خىتاي تىلى مەركەزلىرىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا بۇ ئوقۇش مۇكاپات تۈرىنىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە ياتاق پۇلىنى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر ئايدا تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا 1,000 يۈەن، ماگىستىر ئاسپىرانتلىرىغا 1,220 يۈەن، دوكتورانتلارغا 1,500 يۈەن  بېرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. لېكىن شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات تۈرىدە ئايلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ياردىمىنىڭ مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 2,500، 3,000 ۋە 3,500 يۈەن دەپ كۆرسىتىلگەن. 

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تىل ئۆتكىلىگە دائىر تەلەپلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، تولۇق كۇرسقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار خىتايدىكى چەت ئەللىك تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش ئىقتىدارىنى باھالاش ئىمتىھانى (CSCA) نەتىجىسىنى تاپشۇرۇشى، ئاسپىرانتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بولسا خىتاي تىلى سەۋىيەسى ئاز دېگەندە HSK-4 دەرىجىسىگە  ئېرىشكەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى  بىلدۈرۈلگەن، لېكىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشۋىقات دەپتىرىدە ئاسپىرانتلىق پروگراممىلىرىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن خىتاي تىلى سەۋىيەسىنىڭ HSK-5 دەرىجىگە يېتىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قوشنا دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىنى 2024-يىلىدىن بېرى بۇ خىل مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. 2024- يىلى قازاقىستاننىڭ «بولاشاك» مەركىزى بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى ئۈچۈن 50 كىشىلىك سان بارلىقىنى ئېلان قىلغان،  قىرغىزىستان تاراتقۇلىرى بولسا 125 كىشىلىك سان بارلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا  تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىنىڭ بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ «كۆزەت» (Közet) نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىدى.  

نۆۋەتتە، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ بۇ يىل 10-ئاينىڭ 16-كۈنى X تە، يەنى ئىلگىرىكى تۋىتتېردا خىتاي قوللانغۇچىلار بىلەن تۈرك قوللانغۇچىلارىنىڭ ئارىسىدا باشلانغان تور مۇنازىرىسىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا. شۇ كۈنى X سۇپىسىدىكى بىر تۈركىيەلىك تور قوللانغۇچى بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى يازغان. ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئۇ  بۇ ئايالدىن ئۇنىڭ ئۆزىنى «تۈركىي خەلق» دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقى سورىغانغاندا، ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ «جۇڭگولۇق» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. تۈركىيەلىك تور قوللانغۇچى ئۇنىڭغا تۈركچە قىلىپ: «سەن قانداقسىگە جۇڭگولۇق بولىسەن؟ ئۆز يىلتىزىڭغا قايت!» دەپ يازغان.  

«كۆزەت» بۇ تور سۆھبىتىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەنلىكىنى مۇستەقىل دەلىللىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يازما 11-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە 2 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق قېتىم كۆرۈلگەن. تۈرك ۋە خىتاي تور قوللانغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش كېيىن «ۋېيبۇ» ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىغىمۇ كېڭەيگەن. مۇنازىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، تارىخى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا ئائىت مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلانغان.  

كېيىنرەك بۇ مۇنازىرىنىڭ تېمىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ. تۈركىيەنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا تونۇشتۇرغان ئىككى يۈرۈش ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا يۆتكەلگەن. بۇ ماتېرىياللار ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تەييارلانغان «خاقان ۋە بىلگەنىڭ تۈركىي دۇنياسىغا سەپىرى» (Hakan ve Bilge’nin Türk Dünyası Yolculuğu) ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان «تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ئاتلىسى» (Türk Dünyası Kültür Atlası) دىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش كىتاب  ئىدى. 

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ ماتېرىياللارنىڭ دەرسلىك كىتابلار بىلەن بىرگە تارقىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما مائارىپ مىنىستىرى يۇسۇف تېكىن ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك TRT Haber قانىلىغا بەرگەن زىيارىتىدە، بۇ ئاتلاسنىڭ «دەرسلىك كىتاب ئەمەسلىكى»نى ئېيتقان. بۇ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدا «ئوتتۇرا ئاسىيا» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا «تۈركىستان» (Türkistan) دېگەن نام ئىشلىتىلگەن. بۇ ئۆزگىرىش تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ 2024-يىلى 4-ئايدا ماقۇللىغان رەسمىي ئوقۇتۇش پىلانىدىكى ئۆزگەرتىشكە ئاساسلانغان.  

ھالبۇكى، 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى «خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى» (China News Service) «تۈركىيەنىڭ يېڭى ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلىغان» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ماقالە مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ X  سۇپىسىدىكى ھېساباتىدا تارقىتىلغان بولۇپ، يازمىغا «شياۋيۈەنگۇي» (Xiaoyuangui) ناملىق «ئ‍ۈندىدار» (Wechat)  ھېساباتىنىڭ ئىسمى بېرىلگەن. 

بۇ ماقالىدە، تۈركىيە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىدا شىنجاڭ، گەنسۇ ۋە چىڭخەينىڭ بەزى جايلىرىنىڭ «تۈركىستان دىگەن ساختا نام تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى» تەنقىدلەنگەن. ئۇنىڭدا يەنە بۇ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى «مائارىپتىن پايدىلىنىپ سىياسى- جۇغراپىيەلىك خرىسنى باشقىلارغا تارقاتماقتا» دەپ ئەيىبلەنگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭپاۋ» (Ming Pao) گېزىتى «شياۋيۈەنگۇي» ناملىق ھېساباتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەئەللۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما «كۆزەت» بۇ ھېساباتنىڭ كونكىرېت قايسى ئورگان ياكى تەشكىلاتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى مۇستەقىل ئېنىقلىيامىدى، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت ئاتلىسى كىتابىدىكى خەرىتىلەرنىمۇ كۆرۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. 

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مەزكۇر مەدەنىيەت ئاتلىسى تۈرك دۇنياسىدىكى 15 يولنى بويلاپ سەپەرگە چىقىش شەكلىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يول 11-ئەسىردە ئۆتكەن داڭلىق تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ تۈركىي تىللار قامۇسى — «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىكى خەرىتە بىلەن باشلىنىدىكەن. مەھمۇد كاشغەرى قاراخانىيلار خاندانلىقىدا ئۆتكەن مەشھۇر تىلچى ۋە ئالىم بولۇپ، قاراخانىلار دۆلىتى ئەينى ۋاقتتا ھازىرقى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى پايتەخت قىلغان ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئەسىرىنى تەخمىنەن 1072–1074-يىللىرى باغدادتا ئەرەب تىلىدا يازغان. ئۇ بۇ كىتابىدغا تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان زېمىنلارنى مەركەز قىلىپ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى تۈركىي دۇنياسى خەرىتىسىنىمۇ كىرگۈزگەن. 

نۆۋەتتە، ئۇنىڭ مەقبەرىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوپال يېزىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرى يۇسۇف تېكىن «تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ئاتلاسى»غا يازغان كىرىش سۆزىدە، خەرىتىلەردىكى چېگرالارنىڭ خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىلەرنى ئۈزىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، تۈركىستان دىگەن جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇنى ئىشلىتىشنى ئىزچىل قۇۋۋەتلەپ كەلگەن. تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۈچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،  ئۇ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، ئوقۇتۇش پىلانىدا «ئوتتۇرا ئاسىيا» دېگەن ئاتالغۇنىڭ «تۈركىستان»غا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ  6-ئاينىڭ 25-كۈنى، TRT Haber قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئوتتۇرا ئاسىيا» دېگەن ئاتالغۇ غەرب مەركەزلىك قاراشنى ئاساس قىلغان ئاتالغۇ دەپ كۆرسەتكەن. ھالبۇكى، «كۆزەت» خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەنقىدىگە قارىتا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ھېچقانداق رەسمىي ئىنكاسىنى ئۇچرىتالمىدى. 

«تۈركىستان» دېگەن بۇ ئاتالغۇ نۆۋەتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. 2021-يىلى 11-ئايدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا «تۈركىي دۆلەتلىرى كېڭىشى»نىڭ نامى «تۈركىي دۆلەتلەر تەشكىلاتى»غا ئۆزگەرتىلگەن. يىغىندا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېگەن: ««مىڭلارچە يىللىق مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكى بولغان تۈركىستان جۇغراپىيەسى يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن جەلپكارلىققا ۋە مەرىپەت مەركىزىگە ئايلىنىدۇ». ھالبۇكى، يۇقىرىقى بىر قاتار ئىختىلاپلارغا قارىماي، ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتى داۋاملىق يېقىنلاشماقتا. 

10-ئاينىڭ 15-كۈنى باكۇدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى (Wang Yi) تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان (Hakan Fidan) بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدىكى بايانلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ «بىر خىتاي پىرىنسىپى»غا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيە زېمىنىنىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئۇچرىشىشنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما سۆھبەتتە نېمىلەرنىڭ دېيىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. 

تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قالسىلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئەڭ كۆپ ياشايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى»نىڭ 2025- يىلى نويابىردىكى دوكلاتىدا ، تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ تەخمىنەن 50 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايوندىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان. كېيىنرەك نۇرغۇن لاگىر تۇتقۇنلىرى رەسمى تۈرمىلەرگە يۆتكەلگەن. ۋاشىنگتوندىكى «يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» 2025-يىلى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقاتتا مۆلچەرلىشىچە، نۆۋەتتە يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشى يەنىلا تۈرمىلەردە ياكى سوتسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قاماقلىق ئىكەن.  

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2021-يىلى 1-ئايدا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان. بۇر جەرياندا بىر قانچە دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن  پارلامېنتلىرىمۇ ئوخشاش يەكۈننى چىقارغان. ھالبۇكى، بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. 

تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى پروگراممىسى — يەنى «تۈركىيە بۇرسلارى» (Türkiye Bursları) چەت ئەللەردىكى تاشقىي تۈركىي خەلقلەر ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىدىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەن ئىدى. تۈركىيە ھاجىتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلىق ئۇنۋانى ئالغان، نۆۋەتتە پولشانىڭ جاگېللىئونىيان ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە تەرەققىيات مەركىزىدە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور رابىگۈل ھاجىمۇھەممەت «كۆزەت»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى  ھەققىدىكى  خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق ھەيران قالغانلىقى»نى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن (بۇنى) بىر ئوقۇش پۇرسىتى دەپ قاراشتىن ئاۋۋال، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنى تۈركىيەنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاقتەك ھېس قىلدىم.»  

رابىگۈل ھاجىمۇھەممەتنىڭ كۆسىتىشىچە، «تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى (YTB) بىلەن، يەنى چەت ئەللەردىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە تەمىنلىگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن كېلىپ ئوقىغان» ئىكەن. لېكىن ئۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭمۇ يەنىلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. رابىگۈل ھاجىمۇھەممەت مۇنداق دېدى: «مەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ،تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ 10 يىللىق قىرغىنچىلىق ئىچىدە ئەڭ چوڭ بەدەل تۆلىگەن ئۇيغۇرلار، دەپ ئويلايمان.»  

ئۇ يەنە بۇ جەرياندا تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىغا «سەن نېمە دەپ بىزنى <قارا تىزىملىك>كە كىرگۈزۈپ قويىسەن، بىز دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىپ ئەكەلگەن ئوقۇغۇچىلار نېمىشقا ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمەيدۇ، دەپ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئېنىق ۋە كەسكىن ئىپادىيەلمىدى، دەپ ئويلايمان» دېدى. دوكتور رابىگۈل ھاجىمۇھەممەت، ئوقۇش مۇكاپات تۈرىنىڭ تۈركىيە دەرسلىك كىتاپلىرىدىكى يېقىن ئۆزگىرىشلەر بىلەن باغلىنىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئۇ «خىتاينىڭ بۇ ئوقۇش مۇكاپات تۈرى ماڭا خۇددى < ئۇنداق قازانغا -مۇنداق چۆمۈش» دېگەن دىپلوماتىك ئويۇندەك بىلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.   

نيۇ-يوركتىكى خانتېر ئىنىستىتۇتى (Hunter College) نىڭ خاۋزېر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى، سابىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ (Teng Biao) «كۆزەت»كە خىتاي تىلىدا بەرگەن زىيارىتىدە، بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرىنىڭ خىتاينىڭ مەۋجۇت ئەندىزىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يازما جاۋابىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى خىتايدا ئوقۇشقا جەلپ قىلىش ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە رازى. ئۇلار بەزىدە مۇخبىرلار ۋە ئالىملارنىڭ زىيارىتى ئۈچۈنمۇ چىقىم قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ‹چوڭ تاشقى تەشۋىقاتى› پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى». ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلمەكچى بولغان ئوقۇش مۇكاپاتى تۈرى «ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ۋە ئۇنىڭ سىياسەتلىرىگە قانۇنىيلىق تۈسى بېرىشنى مەقسەت قىلغان» ئىكەن. 

بۈگۈنگەن قەدەر تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بولسۇن ياكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى، تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بولسۇن، «كۆزەت»نىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە يوللىغان يازما سوئاللىرىغا ۋە تېلېفون ئارقىلىق قىلغان مۇراجىئەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا جاۋاب بەرمىدى.