26 ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ گۇۋاھلىق ھېكايىلىرى توپلانغان كىتاپ ۋاشىنگتوندا تونۇشتۇرۇلدى
ۋاشىنگتون — 28-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED) نىڭ ساھىپخانلىقىدا، نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» (UTJD) تەييارلىغان 26 نەپەر زىيانكەشلىكەككە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرنىڭ گۇۋاھلىق ھېكايىلىرى توپلانغان كىتاپنىڭ ئىنگلىزچە نەشرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈۈلدى. بۇ يىغىندا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە دېرىكتورى بەختىيار ئۆمەر «شەخسلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرى ئوقۇرمەنلەرگە ئىستاتېستىكىلىق سانلار بېرەلمەيدىغان تەسىراتنى بېرەلەيدۇ،» دېدى.
«ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىلمىغان ھېكايىلىرى: زۇلۇم ئاستىدىكى قارشىلىق سادالىرى» ناملىق بۇ كىتاپ مەركىزى نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» ناملىق ئورگان تەرىپىدىن 2026-يىلى سېنتەبىردە نەشر قىلىنغان. بۇ كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى بۇنىڭدىن 9 ئاي ئىلگىرى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان ۋە تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ كىتاپنىڭ ئىنگلىزچە نەشرى 252 بەت بولۇپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلىرى ھەققىدە ئىلگىرى ئوچۇق-ئاشكارا گۇۋاھلىق بەرگەن. «مەن خىتايدىكى <قايتا تەربىيىە> لاگېرىدىن قانداق ھايات قالدىم» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن يەنە بىر لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق 2021-يىلى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»دە، شۇنداقلا 2023-يىلى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى ئالاھىدە ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. يەنە بىر لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋامۇ لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»دە گۇۋاھلىق بەرگەن. مەزكۇر كىتاپنىڭ ئىنگىلىزچە نەشرىدە گۇۋاھلىق ھېكايىلىرى تونۇشتۇرۇلغان باشقا شاھىتلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرى شەخسىي بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئاشكارا يېزىلمىغان.
«ئومۇمىي مەنزىرە: خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەدەنىيەت يوقىتىش سىياسەتلىرى» تېمىسىدىكى بۇ يىغىنغا ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ساھىبخانلىق قىلغان. يىغىنغا بۇ تەشكىلاتنىڭ شەرقىي ئاسىيا بويىچە پروگرامما دىرېكتورى ۋىليام نى رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ سۆزىنى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلىنىشى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يۇقىرى بېسىملىق باتۇرۇش باشلانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى بىلەن باشلىغان. يىغىندا مەركىزى نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى»نىڭ كوردىناتورى ئادىلجان ئابدۇرېھىم، ۋاشىنگتوندىكى «يېڭى لىنىيەلەر ئىنستىتۇتى» (New Lines Institute) نىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ئىشلىرى تەتقىقات تۈرى دىرېكتورى ئېلىس ئاندېرسون ۋە «خىتاي كىتاپ تەقرىزى» (China Books Review) تورىنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى ئالېكساندىر بويد قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلغان. بۇ يىغىنغا يەنە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئىشلىرى ئالىي دىرېكتورى لىن لى، «لەنتوس» كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندىنىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس سۋېت، شۇنداقلا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە خىتاي پائالىيەتچىلەرمۇ قاتناشقان. «كۆزەت»نىڭ مۇخبىرىمۇ نەق مەيداندىن ئورۇن ئالغان.
«ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى»نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى باختىيار ئۆمەر يىغىندىن كېيىن «كۆزەت»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ كىتاپنىڭ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئەمەس، بەلكى شەخسلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بەختىيار ئۆمەر مۇنداق دېدى: «نوقۇل ئىستاتېستىكىلىق سانلارنىڭ كىشىلەرگە كۆپ تەسىرى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. 3 مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلار بار، ئەمما بۇ پەقەتلا بىر سان، بۇنداق سانلار كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىغا چوڭقۇر دەرىجىدە تەسىر قىلمايدىكەن. كىشىلەرگە ئەڭ بىۋاسىتە تەسىر قىلىدىغىنى ھەر بىر شەخسنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن رېئال كەچۈرمىشلىرىدۇر».
ئامېرىكا تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى ۋە ئامېرىكادىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2017-يىلدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ سانى توغرىسىدىكى مۇستەقىل مۆلچەرلەر نەچچە يۈز مىڭدىن، ھەتتا بىر مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ ھەقتە بىر مىليوندىن ئارتۇق دېگەن ساننى نەقىل كەلتۈرگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ باقمىغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسى 2022-يىلى ئېلان قىلغان باھالاش دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى بېيجىڭ بۇ يەكۈنلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ، لاگېرلارنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان «كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش مەركەزلىرى»، دېگەن چۈشەندۈرۈشلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا مەخسۇس ئېلخەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار خېتىمىزگە جاۋاب بەرمىدى.
بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كىتاپتىكى ھەر بىر گۇۋاھلىق ھېكايىسى بىر ئادەم ياكى بىر ئائىلە ھەققىدە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر رايوندىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق كەچۈرمىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. ئۇ يەنە بۇ رايوننىڭ ئەسلى نامىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىدىغان «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان نامىنى قوللىنىشىنى چاقىرىق قىلدى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «يېڭى چېگرا» ياكى «يېڭى تېرىتورىيە» دېگەن مەنىدىكى خىتايچە «شىنجاڭ» دېگەن نام مۇستەملىكىچىلىك خاھىشىنى ئىپادىلەيدىكەن. مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى «شىنجاڭ» دېگەن خىتايچە نامنى مۇشۇ سەۋەبتىن رەت قىلىسىمۇ، لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامنى «بۆلگۈنچىلىك ئاتالغۇسى» دەپ قارىماقتا.
مەزكۇر كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق ھېكايىلىرى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن 2025-يىلى مايغىچە بولغان ئارلىقتا توپلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى گۇۋاھلىق ھېكايىلىرى 1950-يىللارنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە بولغان ۋەقەلەر ۋە كەچۈرمىشلەر بايان قىلىنغان ئىكەن. مەزكۇر كىتاپتا بولۇپمۇ 2016-يىلدىن باشلاپ كۈچەيگەن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىتلارنىڭ بىرى پاتىگۈل روزى، ئۆز ئائىلىسىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دىن تارتىپ 2014-يىلدىن كېيىن تۇغقانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنشىغىچە بولغان جەرياندىكى كەچۈرمىشلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
يىغىندا ۋىللىيام نى سۆز قىلىپ، بۇ كىتاپتا ئۆلۈم جازاسى، سوت، نوپۇس تىزىملاش ۋە باستۇرۇشلارنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنىڭ يەر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاپتا پەقەت ئۇچۇر خاراكتېرلىك مەلۇماتلار توپلانغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نۇقتىئىنەزەرلىرى، كەچۈرمىشلىرى، ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە جانلىق گۇۋاھلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان». ئۇ، مەزكۇر كىتاپتا گۇۋاھلىق بەرگۈچى شاھىتلارنىڭ بىرى ئۆز كەچۈرمىشىنى يازغاندىن كېيىن، «ئەمدى خاتىرجەم ئۆلەلەيمەن» دېگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن
يىغىندا ئادىلجان ئابدۇرېھىم «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نامىدىن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشنىڭ پەقەتلا 2014-يىلىدىن ئېتىبارەن باشلانمىغانلىقى، بەلكى خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى، كىتاپتىكى گۇۋاھلىق ھېكايىلىرىنىڭ مۇشۇ ئۇزۇن تارىخقا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» ھازىرغىچە ئۈچ كىتاب نەشر قىلغان بولۇپ، گۇۋاھلىق ھېكايىلىرى توپلانغان بۇ كىتاپ نۆۋەتتە رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنماقتىكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتايچە ۋە تۈركچە تەرجىمىلىرىنى نەشىر قىلىش ئىشىمۇ پىلانغا ئېلىنغان ئىكەن.
2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ياشىغان ۋە ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچى ئەلىس ئاندېرسونمۇ يىغىندا سۆز قىلىپ، بۇ گۇۋاھلىقلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلارغا تېخى ئاشكارا بولمىغان نۇرغۇنلىغان ئىشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دىدى: «بىز بىلىمىز دەپ قارايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىچ يۈزىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەر بار».
