لانتوس فوندى جەمئىيىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى.

لانتوس كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت فوندى جەمئىيىتى X تىكى بىر يازمىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ 80 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىدى.

مەزكۇر فوندى جەمئىيەت ئۇنىڭ مەرھۇم ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم لانتوس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەسلىدى ھەمدە 2015-يىلى 12-ئايدا ئۇنىڭغا لانتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تارقاتقان مۇراسىمنىڭ كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھرىلىدى.

كالىفورنىيە شتاتىدىن بولغان دېموكراتچى ۋە پارلامېنتقا سايلانغان، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان بىردىنبىر شەخس بولغان لانتوس 2000-يىلى 7-ئايدا ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينى ئۇنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغان قارارنى قوللىغان. خىتاي دائىرىلىرى 1999-يىلى 8-ئايدا رابىيە قادىرنى ئامېرىكا پارلامېنتى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە كېتىۋاتقاندا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلغان. ئۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلىش جىنايىتى بىلەن سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە 2005-يىلى 3-ئايدا قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىغا كەتكەن.

2007-يىلى، لانتوس خىتاينى ئۇنىڭ تۈرمىدىكى پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدىغان ئاۋام پالاتاسى قارارىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى 2009-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق مالىمانچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن، ئەمما ئۇ بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان.<br/><br/>

2008-يىلى قۇرۇلغان ۋە لانتوسنىڭ قىزى كاترىنا لانتوس سۋېت (Katrina Lantos Swett) يېتەكچىلىك قىلىدىغان بۇ فوندى جەمئىيەت بۇ مۇكاپاتىنى دالاي لاما، ئېلى ۋېسېل، ھىلارى كلىنتون ۋە شىمون پېرېس قاتارلىقلارغىمۇ تارقاتقانىدى.