بىزنى قوللاڭ

«كۆزەت»نىڭ خەۋەرلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، كىم بولۇشىدىن، قەيەردە بولۇشىدىن ياكى ئىقتىسادىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئېھتىياجى بار ھەر بىر كىشىنىڭ خەۋەرلىرىمىزگە ئەركىن ئېرىشەلىشىنى مەقسەت قىلىمىز.

سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ ئۈچ خىل تىلدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ياشايدىغان جۇغراپىيلىك ئورۇنلار ھەققىدە كەم ئۇچرايدىغان خەۋەر تارقىتىش خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

خىزمىتىمىزنى قوللاش ئۇسۇللىرى

توردىن ئاكتىپ ئىئانە قىلىش سىستېمىسى يېقىندا ئېچىلىدۇ. شۇنىڭغىچە ئىئانە قىلىش ياكى «كۆزەت»نى قوللاش ھەققىدە پىكىرلەشمەكچى بولسىڭىز، بىزگە support@kozet.org ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق خەت يېزىڭ. بىز ھەر ۋاقىت مۇستەقىل ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىنى قوللاشقا قىزىقىدىغان جەمئىيەتلەر، ئورگانلار ۋە شەخسلەرنىڭ خىزمىتىمىزنى قوللىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئىئانە ئارقىلىق باج كېمەيتىلىدۇ

«كۆزەت» دېلاۋار شتاتىدا تىزىملانغان، ئامېرىكا باج ئىدارىسىنىڭ 501(c)(3) ماددىسىدا بەلگىلەنگەن باجدىن ئازاد قىلىنغان پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات «Uyghur Monitor Inc» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ. EIN: 37-2218531. ئامېرىكىدا ھەر بىر ئىئانىدىن قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن باج كېمەيتىلىدۇ.