كۆزەت توغرىسىدا
«كۆزەت» دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە خەۋەر بېرىدىغان، مۇستەقىل ۋە پايدا ئالمايدىغان ئاخبارات ئورگىنى. 2026-يىلى ۋاشىنگتوننى بازا قىلىپ قۇرۇلغان «كۆزەت»، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان سىياسەتلەر ھەققىدە خەۋەر بېرىدۇ.
ھەر بىر تىلدىكى نەشرى بىرلا مەنبەدىن تەرجىمە قىلىنماستىن، بەلكى ئۆز ئوقۇرمەنلىرىگە قارىتا ئالاھىدە تەھرىرلىنىدۇ. شۇڭا بىر خەۋەر ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان تىلدا يېتىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى ئىنتايىن ئاز ساندا بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ياشايدىغان رايونلار مۇخبىرلار ئۈچۈن ئاساسەن يېپىق ھالەتتە تۇرماقتا. «كۆزەت» مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە، شۇنداقلا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاكتىپ خەلقئارا ئوقۇرمەنلەر، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە ژۇرنالىستلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلدى.
«كۆزەت» ئامېرىكا باج ئىدارىسىنىڭ 501(c)(3) ماددىسىدا ئېتىراپ قىلىنغان، باج كەچۈرۈم قىلىنغان پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات «Uyghur Monitor Inc.» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ. بىز ھېچقانداق تىجارىي ئېلان قوبۇل قىلمايمىز، شۇنداقلا ئىئانە قىلغۇچىلار بىزنىڭ نېمىنى ۋە قانداق خەۋەر قىلىشىمىزغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. خىزمىتىمىز پەقەت ژۇرنالىستىك پىرىنسىپلارغا تايىنىدۇ.
«كۆزەت» ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ (NED) تۇنجى قېتىملىق ئىئانە بىلەن تەمىنلىشى ۋە باشقا بىر قانچە ئورگانلارنىڭ دەسلەپكى قوللىشى بىلەن 2026-يىلى خىزمىتىنى باشلىدى. ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ «كۆزەت»نىڭ تەھرىرلىك قارارلىرىدا ھېچقانداق رولى يوق.
قۇرغۇچى ۋە باش مۇدىرى
قاسىم قەشقەر
قاسىم قەشقەر ئىلگىرى «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئىشلىرى ۋە ئەتراپىدىكى كەڭ رايون ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن. ئۇ نيۇ-يورك ئاممىۋى كۇتۇپخانىسىنىڭ 2026–2027-يىللىق كۇلمان مەركىزى (Cullman Center) تەتقىقات ئەزاسى.
مۇدىرىيەت كېڭىشى
دونالد كلارك — رەئىس
دونالد كلارك جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ پىنسىيەگە چىققان پەخرى قانۇن پەنلىرى پروفېسسورى. ئۇنىڭ پروفېسسورلۇق خىزمەت تەتقىقاتى ئاساسلىقى كارخانا ئىدارە قىلىش، قانۇنىي ئورگانلار ۋە خىتاي ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنىڭ قانۇنىي تەرەپلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زامانىۋى خىتاي قانۇنىنى مەركەز قىلغان. ئۇ «Chinalaw» (خىتاي قانۇنى) دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئېلخەت تىزىملىكى سۇپىسىنى قۇرغان ۋە باشقۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «خىتاي توپلىمى» نامىدىكى بىلوگنىڭ ۋە «خىتاي قانۇنى ئىزاھلىرى» خەۋەرنامىسىنىڭ يازغۇچىسى. ئۇ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىغا خىتاي قانۇنى بويىچە مۇتەخەسسىس گۇۋاھچى ۋە مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلغاندىن باشقا، ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە پاي چېكى بازىرى كومىتېتى (SEC)، ئاممىۋى شىركەتلەرنىڭ ھېساباتىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى (PCAOB) ۋە ئامېرىكا ئەدلىيەمىنىستىرلىقىغا مەسلىھەتچىلىك قىلغان. ئۇ ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى.
ئۇ پرنستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكلاۋۇرى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىرى، ھەمدە خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى قانۇن پەنلىرى دوكتورلۇق (J.D.) ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. خارۋاردتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە «خارۋارد قانۇن شەرھى» «Harvard Law Review» ناملىق ژۇرنالىنىڭ تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
گېن بۇنىن — خەزىنىچى
گېن ئا. بۇنىن رايوندىكى چوڭ تۇتقۇن قىلىشتا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى خاتىرىلەيدىغان «شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار مەلۇمات ئامبىرى» (shahit.biz) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرى. 2018-يىلى بۇ تۈرنى باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇ شىنجاڭدا بىر نەچچە يىل ياشىغان ھەمدە ئۇيغۇر تىلى بويىچە مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇ مەلۇماتلارنى دەلىللەش، پاكىتلارنى تەكشۈرۈش ۋە كۆپ مەنبەلىك سېلىشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاكادېمىك ئارقا كۆرۈنۈشى ماتېماتىكا ۋە ئىنژېنېرلىقتۇر. ئۇ «The Guardian» (قوغدىغۇچى گېزىتى)، «Foreign Policy» (تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى) ۋە «Agence France-Presse» (فرانسىيە ئاگېنتلىقى) قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا شىنجاڭغا ئائىت ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
بېتانى ئاللېن — كاتىپ
بېتانى ئاللېن تەكشۈرگۈچى ژۇرنالىست ۋە چەتئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىر، شۇنداقلا «Financial Times» (مالىيە ۋاقتى گېزىتى) تەرىپىدىن 2023-يىللىق ئەڭ ياخشى كىتاب دەپ باھالانغان «بېيجىڭ قائىدىلىرى: خىتاي دۇنياغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىقتىسادىنى قانداق قورالغا ئايلاندۇردى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى. ئۇ ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ (ASPI) خىتاينى تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىسى. ئۇ ئىلگىرى «Axios» نامىدىكى تور گېزىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇخبىرى بولۇپ، بېيجىڭنىڭ چېگرا ھالقىپ قانداق ھالدا كۈچ كۆرسىتىش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇللىرىنى خەۋەر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىنجاڭدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت مەخپىي ئارخىپلارنى ئاشكارىلىغان «China Cables» (خىتاي ھۆججەتلىرى) ناملىق خەلقئارالىق تەكشۈرگۈچى ژۇرنالىستلار تەشكىلاتىنىڭ (ICIJ) خەۋەر تۈرىنىڭ باش مۇخبىرى بولغان. بۇ خىزمىتى ئۈچۈن ئۇ كەسپىي ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ «Robert D. G. Lewis Watchdog Award» (روبېرت د. گ. لېۋىس نازارەتچىلىك مۇكاپاتى) ۋە تور كاتېگورىيەسىدىكى تەكشۈرۈش ژۇرنالىزىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرى «Foreign Policy» (تاشقى سىياسەت) ژۇرنىلىدا تەھرىر ۋە يازغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ تەيبېيدا تۇرىدۇ.
كۆزەت دەلېۋېر شتاتىدا ئەنگە ئالدۇرۇلغان، ئامېرىكا باج ئىدارىسى 501(c)(3) ماددىسىغا ئاساسەن باج كەچۈرۈم قىلىنغان سالاھىيەتكە ئىگە پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات «Uyghur Monitor Inc.» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ. ئورگان باج نومۇرى (EIN): 37-2218531. ئىئانە قىلغۇچىلار قىلغان ئىئانىلەرنى ئامېرىكا قانۇنىدا بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك باجدىن كېمەيتىش ئېلىپ بارالايدۇ.
