مەخپىيەتلىك سىياسىتى

بۇ سىياسەت «كۆزەت»نى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا ئۇچۇرلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئومۇمىي جەھەتتىن چۇشەندۈرىدۇ. «كۆزەت» مۇمكىن قەدەر ئاز ئۇچۇر يىغىشنى نىشان قىلىدۇ.

ئۇچۇر ۋە سىتاتىستىكا

تور بېكەتنى تەمىنلەش ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىز ۋە بىخەتەرلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز تور بېكەت بەتلىرىنى كۆرسىتىشنىڭ نورمال بىر قىسمى سۈپىتىدە IP ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىكىلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار تور بەتنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ۋە ئومۇمىي رايونلارغا ئوخشاش بېكەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى يىغىنچاقلاپ چۈشىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

تېز ئەستە ساقلىغۇچىلار

تور بېكەت يۈزىدە تاللىغان تىلىڭىزنى ئېسىدە ساقلاشقا ئوخشاش تور بېكەتنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن بىر قىسىم cookie دەپ ئاتىلىدىغان تىز ئەستە ساقلىغۇچلار ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

بىز بىلەن ئالاقىلاشقاندا

ئەگەر كۆزەتكە ئېلخەت ئەۋەتسىڭىز، كۆزەت سىز ئەۋەتىشنى تاللىغان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىدۇ. كۆزەت بۇ ئۇچۇرلارنى پەقەت ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلىتىدۇ.

ئىئانە

ئەگەر ئىئانە قىلسىڭىز، پۇل تۆلەش ئىشلىرى ئۈچۈنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىنىڭ ئۆز شەرتلىرىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كۆزەت ئىئانىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئېتىراپ قىلىش ۋە ئالاقىدار پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

باشقا تور بېكەتلەر

«كۆزەت» تور بېكىتىدە «كۆزەت» ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرمايدىغان ۋە مەسئۇل بولمايدىغان باشقا تور بېكەتلەرنىڭ ئۇلانمىلىرى بولۇشى مۇمكىن. «كۆزەت» سىزنىڭ ئۇلارنىڭ سىياسەتلىرىنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

بىخەتەرلىكىڭىز

ھېچقانداق تور بېكەت كىملىكنىڭ تولۇق يوشۇرۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئەگەر بىخەتەرلىكىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز، «كۆزەت»نى ئوقۇغاندا ياكى ئالاقىلاشقاندا ئىشەنچلىك VPN ياكى Tor Browser (تور توركۆرگۈچى) غا ئوخشاش مەخپىيەتلىك قوراللىرىنى ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.

يېڭىلىنىش

بۇ سىياسەت «كۆزەت» خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

«كۆزەت» «Uyghur Monitor Inc» تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.