ھوشۇر قارى خىتاينىڭ «ئالتۇن خوراز» مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر ئارتىس» تۈرىگە تاللانغان
نيۇيورك — ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ھوشۇر قارى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئارتىس ھوشۇر سەلەي 39-نۆۋەتلىك خىتاي «ئالتۇن خوراز» كىنو مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ئۇ، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى»نىڭ ئۈن ۋە نوتىغا ئېلىنىشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخىي فىلىم – «ۋەن تۇڭشۇ»دا ئۇيغۇر مۇقام ۋارىسى تۇردى ئاخۇننىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىغانلىقى بىلەن بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.
ھوشۇر سەلەي بۇ مۇكاپاتنى 2026-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تاپشۇرۇۋالغان. «ئالتۇن خوراز» مۇكاپاتى 1981-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇنى خىتاي مەملىكەىتلىك كىنوچىلار جەمئىيىتى تارقىتىپ كەلمەكتىكەن.
ھوشۇر سەلەي مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىگە ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇراسىم سەھنىسىدە سۆزلىگەن ئىككى مىنۇتلۇق قىسقا نۇتۇقىدا: «ماڭا شۇنچە ياخشى ۋە قىممەتلىك بۇ پۇرسەتنى بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە ۋە تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى شىرزات ياقۇپقا ۋە ئۆزى ئوقۇغان بېيجىڭدىكى خىتاي مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «ئانا مەكتىپىم –مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان، ‹ئالتۇن خوراز› مۇكاپاتى ئىزچىل ئارزۇيۇم بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى.»
. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «ئانا مەكتىپىم –مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان، ‹ئالتۇن خوراز› مۇكاپاتى ئىزچىل ئارزۇيۇم بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى.»
ئۇ يەنە بۇ شەرەپنىڭ يالغۇز ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى تەڭرىتاغ كىنۇ ئىستۇدىيەسىدىكى بارلىق خادىملارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ: «مەن داۋاملىق تىرىشىمەن، شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى سۆزلەيمەن» دېگەن.
خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان «خىتاي يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ فىلىمنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى پىلانلىغان، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن.
«يېڭى بېيجىڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2026-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى ئورتاق ساھىبخانلىق قىلغان بېيجىڭدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاي كىنو ئارخىپخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ لياڭ بۇ فىلىمنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»تە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان «ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق بۇ فىلىمدا، خىتاي مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ۋەن تۇڭشۇ بىلەن ئايالى ليەن شياۋمېينىڭ 1950-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ، مۇقام ۋارىسى تۇردى ئاخۇن بىلەن بىرلىكتە «ئون ئىككى مۇقام»نى ئۈن ۋە نوتىغا ئېلىپ ساقلاپ قالغانلىقىدەك ۋەقەلىك ھېكايە قىلىنىغان.
«خىتاي كىنو گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇردى ئاخۇن ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام»ىنى تولۇق ئېيتالايدىغان بىردىنبىر خەلق سەنئەتكارى دەپ تەرىپلەنگەن.
ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) 2005-يىلى ئۇيغۇر مۇقامىنى «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى» دەپ ئىلان قىلغان. «خىتاي كىنو گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ فىلىم 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدا، 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا قويۇلۇشقا باشلىغان.
«خىتاي كىنو خەۋەرلىرى» پروگراممىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھوشۇر سەلەي بۇ رولغا بىر يىلغا يېقىن تەييارلىق قىلغان، ياشانغان مۇقامچى تۇردى ئاخۇننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوبرازىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن، ئۇ ئىككى ئاي ئىچىدە 15 كىلوگرام ئورۇقلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ساتار چېلىشنى مەشىق قىلغان، مۇقام ئېيتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنگەن.
«پېڭپەي خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئالتۇن خوراز» مۇكاپاتىنىڭ باھالاش ھەيئىتى باھا سۆزىدە، ھوشۇر سەلەينىڭ بەدەن ھەرىكىتى ۋە كۆزلىرىدىكى نازۇك تۇيغۇ ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق، مۇقام ۋارىسى تۇردى ئاخۇننىڭ «ئون ئىككى مۇقام»غا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئۇنى ئامانەت سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە تاپشۇرۇشقىچە بولغان ھېسسىيات مۇساپىسىنى جانلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھوشۇر سەلەي 1964-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1986-يىلى خىتاي مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. خىتاي كىنو ساھەسىدىكى تەرجىمىھال ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا،
ئۇ كۆپلىگەن سەھنە ئەسەرلىرى، كومېدىيە، تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولاردا رول ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس ئۇنۋانىغا ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «قۇملۇقتىكى پېشقەدەم ئەسكەر» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى بار ئىكەن. <br/><br/>
ھوشۇر سەلەي «ئەڭ ياخشى ياردەمچى ئەر رولچى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بەش ئارتىسنىڭ بىرى بولۇپ، باشقا نامزاتلاردىن ۋاڭ چۈەنجۈن (« تولۇق دەلىل بىلەن»)، بەي كې («سېھىرلىك كۇپ خانىم»)، سى شا (« سايە گىرۋىكى») ۋە شاۋ فېڭ («مەخپىي ئارخىپ» ) قاتارلىقلار بار.
«ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق بۇ فىلىم يەنە «ئالتۇن خوراز» نىڭ ئەڭ ياخشى مۇزىكا مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ مۇكاپات كومپوزىتور گاۋ شياۋياڭغا بېرىلگەن.
