ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە ئەلى ياپونىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى
ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئارفىيە ئەلى 25-سېنتەبىر X ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۆكۈمەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئالدى بىلەن ياپون تىلىدا، ئاندىن ئىنگلىز تىلىدا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ۋەزىپە مۇددىتىنى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.
باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، ئارفىيە ئەلى باش مىنىستىر شىگېرۇ ئىشىبا 2024-يىلى نويابىردا 2-قېتىم تەشكىللىگەن ئىچكى كابېنتتا ياپونىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، باش مىنىستىر سانائە تاكايچىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى كابېنتتىمۇ بۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئىككى باش مىنىستىرنىڭ رەھبەرلىكىدە ئارقىمۇ ئارقا كەلگەن ئۈچ نۆۋەتلىك ۋەزىپە دەپ تەرىپلىدى.

ئارفىيە ئەلى ئىنگلىز تىلىدا يوللىغان ئۇچۇرىدا، يېڭى پارتىيە ۋەزىپىسىدە «پارتىيەنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاش ۋە زامانغا ماسلاشتۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سىياسەت بەلگىلەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ سايلام رايونى بولغان ئىچىكاۋا ۋە ئۇراياسۇدىكى ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فۇكۇكا ۋىلايىتىنىڭ كيۇشۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان ئارفىيە ئەلىنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى ئۆزبېك بولۇپ، 1999-يىلى 10 يېشىدا ياپونىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. ئۇ جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئىلگىرى ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلغان. «يوميۇرى شىمبۇن» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ تۇنجى قېتىم 2023-يىلى ئاپرېلدا چىبا ۋىلايىتىنىڭ 5-رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرىنى تولۇقلاش سايلىمىدا ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇ 2024-يىلى ئۆكتەبىردىكى ئومۇمىي سايلامدا مەزكۇر رايوندا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي كانتو ئاۋاز نىسبىتىگە ۋەكىللىك قىلىش رايونى ئارقىلىق پارلامېنتقا قايتىپ كەلگەن ۋە 2026-يىلى فېۋرالدا چىبا 5-رايونىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلىپ ئورنىنى قايتۇرۇۋالغان.
