كالىفورنىيەدىكى شركەت ئىگىسى 300 مىليون دوللارلىق سۈنئىي ئەقىل مۇلازىمېتىرلىرىنى خىتايغا ئەتكەس قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەپتىش دائىرىلىرى 38 ياشلىق گرېگ لۇي (Greg Lui) نى خىتايغا 300 مىليون دوللاردىن ئارتۇق قىممەتتىكى، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت كونتروللۇقىغا كىرىدىغان كومپيۇتېر مۇلازىمېتىرلىرىنى ئەتكەس قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. لۇي يىيۇ كوڭ لۇي (Yiu Kong Lui) دېگەن نام بىلەنمۇ تونۇلىدۇ. بۇ مۇلازىمېتىرلارغا ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئىلغار گرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچلار سەپلەنگەن.
كالىفورنىيەنىڭ سان گابرىئېل (San Gabriel) شەھىرىدە ئولتۇرىدىغان لۇي، سانائەت شەھىرى (City of Industry) دىكى ئەرتمەيد كومپيۇتېر (Earthmade Computer Inc.) شىركىتىنىڭ ئىگىسى. ئۇ 1-ئۆكتەبىر قولغا ئېلىنغان. فېدېراتسىيە چوڭ زاستاتىللار ھەيئىتى 29-سېنتەبىر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۈچ تۈرلۈك ئەيىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەيىبنامە چىقارغان. بۇلار ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت كونترول قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈش، مالنى چەت ئەلگە ئەتكەس قىلىش ۋە پۇل يۇيۇش ئۈچۈن تىل بىرىكتۈرۈشتىن ئىبارەت.
تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىچە، لۇي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى 2023-يىلدىن 2024-يىلغىچە ئەرتمەيد ئارقىلىق ئېكسپورت چەكلىمىسىدىكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق مۇلازىمېتىرلارنى سېتىۋالغان، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا سېتىۋالغۇچىلار ۋە مالنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى ھەققىدە يالغان ئۇچۇر بەرگەن. ئۇلار ئۈسكۈنىلەرنى مالايسىيا ۋە سىنگاپورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر ئارقىلىق يۆتكەپ، ئامېرىكا تەلەپ قىلىدىغان ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ خىتايغا ئەۋەتكەن.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرتمەيد 2024-يىلى يانۋاردىن ئۆكتەبىرگىچە مالايسىيادىكى ئىككى يۈك يۆتكەش شىركىتىدىن 176 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل تاپشۇرۇۋالغان. تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئەيىبلىشىچە، بىر قېتىملىق سودىدا سېتىۋېلىش باھاسى تەخمىنەن 7.6 مىليون دوللار بولغان 27 دانە چەكلىمىلىك مۇلازىمېتىر مالايسىياغا ئەۋەتىلگەن. تەپتىش دائىرىلىرى يەنە لۇي بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن بىر شېرىكنىڭ 2024-يىلى مارتتا مالايسىيا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىغا بۇ مۇلازىمېتىرلارنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر سېتىۋالغۇچىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ دېلو ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىلغار ھېسابلاش تېخنىكىلىرىغا ئېرىشىشىنى چەكلەشكە تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلغار سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ئىقتىدارلىرىنى كۈچەيتىشى، شۇنداقلا يۈز ۋە ئاۋاز تونۇش تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئاز سانلىق توپلار ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇشتا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
2019-يىلدىن 2024-يىلغىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق توپلارغا قارىتىلغان نازارەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارالغان خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىگە كۆپ قېتىم چەكلىمە قويغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بىر نەچچە نۆۋەت مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە كارخانىلارنى «ئورۇنلار تىزىملىكى» (Entity List) گە كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2019-يىلى ئۆكتەبىردىكى 28 ئورۇن، 2020-يىلى مايدىكى 9 ئورۇن، شۇ يىلى ئىيۇلدىكى يەنە 11 شىركەت ۋە 2021-يىلى ئىيۇلدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق توپلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن باغلانغان 14 ئورۇن بار. بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك تىزىملىككە كىرگۈزۈش 2024-يىلغىچە داۋاملاشقان.
ئامېرىكا دائىرىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلار بەزى تېخنىكىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2018-يىلدا تەييارلانغان خۇاۋېي (Huawei) بىلەن مېگۋىي (Megvii) نىڭ «ئۆزئارا ماسلىشىش سىناق دوكلاتى» (interoperability test report) «مەخپىي» دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك ۋە نازارەت تېخنىكىسىغا مەركەزلەشكەن مۇستەقىل تەتقىقات ۋە خەۋەر ئورگىنى IPVM تەرىپىدىن خۇاۋېينىڭ تور بېكىتىدىن تېپىلغان. بۇ دوكلاتتا يۈز تونۇش سىستېمىسىنىڭ «ئۇيغۇر ئاگاھلاندۇرۇشى» (Uyghur alarm) دەپ ئاتالغان سىگنالنى قوزغىتالايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
IPVM بۇ ھۆججەتنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بىلەن ئورتاقلاشقان، گېزىت 2020-يىلى بۇ ھەقتە خەۋەر بەرگەن. خۇاۋېي دوكلاتتىكى سىستېمىنىڭ پەقەت سىناق قىلىنغانلىقىنى، ئەمەلىي ئىشلىتىشكە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مېگۋىي بولسا ئۆز تېخنىكىسىنىڭ مەلۇم بىر ئېتنىك توپنى نىشانلاش ئۈچۈن لايىھەلەنمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
2021-يىلى دېكابىردا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى سېنس تايم (SenseTime) نىڭ بىر تارماق شىركىتىنىڭ ئېتنىك تەۋەلىكنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان يۈز تونۇش پروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، بۇ پروگراممىلاردا ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مالىيە مىنىستىرلىقى سېنس تايمنى ئامېرىكا مەبلىغىگە چەكلىمە قويۇلغان تىزىملىككە كىرگۈزگەن. سېنس تايم ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى ئاساسسىز، دەپ رەت قىلغان.
شۇ ئاينىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى مېگۋىينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە سەككىز خىتاي تېخنىكا شىركىتىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق توپلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى بىئومېترىك تېخنىكىلار ئارقىلىق نازارەت قىلىش ۋە ئىز قوغلاشنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھازىرغىچە لۇي دېلوسىدىكى مۇلازىمېتىرلارنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەرگە بېرىلگەنلىكىنى ياكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاشكارا دەلىل يوق.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ قارشى ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى دىرېكتورى رومان روژاۋسكى (Roman Rozhavsky) تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە لۇينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نەچچە يۈز مىليون دوللار قىممىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ساتقان، دەپ گۇمان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئاشكارىلىغان سودا تەپسىلاتلىرىدا خىتايدا تۇرۇشلۇق ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەر ۋە بىر مىسالدا خىتايدا تۇرۇشلۇق بىر سېتىۋالغۇچى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىغان.
ئەگەر ئۈچ تۈرلۈك ئەيىبنىڭ ھەممىسى بويىچە جىنايىتى بېكىتىلسە، لۇي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى 50 يىللىق قاماق جازاسىغا دۇچ كېلىدۇ. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئەيىبنامىدىكى مەزمۇنلارنىڭ پەقەت ئەيىبلەش ئىكەنلىكىنى، جاۋابكارنىڭ جىنايىتى ئورۇنلۇق گۇمانغا ئورۇن قالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىسپاتلانمىغۇچە گۇناھسىز، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
