خەۋەر

2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت يېڭى ناخشىلىرى بىلەن قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى

11 يىللىق كېسىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ (بەزى مەنبەلەردە ئابلاجان ئاۋۇت دەپمۇ ئېلىنغان) بىر سىندا نامايان بولغان بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈش سۈرەتلىرىدە بۇ سىننىڭ مۇشۇ يىلى سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى كۆرۈلمەكتە،  ئۇ يەنە ئەتراپىدىكى كىشىلەر تارقاتقان سۈرەتلەردىمۇ كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ قاچان ۋە قانداق شەرتلەر بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكى تېخى دەلىللەنمىدى.

سۈرەت چۈشەندۈرۈشى: ئوڭ تەرەپتىكىسى ئابلاجان ئاۋۇت، ناخشىچى گۈلمىرە تۇرغۇن بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتى بولۇپ، گۈلمىرە تۇرغۇن بۇ سۈرەتنى 2026-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈندىداردا ھەمبەھرىلىگەن. ئۇنىڭ ئىلاۋىسىدە سۈرەتنىڭ تەخمىنەن يېرىم يىل بۇرۇن تارتىلغانلىقى دېيىلگەن. كۆزەت تورى بۇ سۈرەتنىڭ قاچان تارتىلغانلىقىنى دەلىللىمىدى. (ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېلىنغان ئېكران كۆرۈنۈشى) 

9-ئۆكتەبىر «كۆزەت» كۆزدىن كەچۈرگەن ماتېرىياللارنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2018-يىلى ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن ۋە كېيىن 11 يىللىق تۈرمە جازاسىنى ئۆتەۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئۇيغۇر مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ  يېڭى بىر مۇزىكىلىق سىن، قايتا تارقىتىلغان ناخشىلار توپلىمى ۋە ئەتراپىدىكىلەر تارقاتقان سۈرەتلەر بىلەن قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. 

«مۇكەممەل» (خىتايچە: 完美) دەپ ئاتالغان بۇ سىن، ناخشىچىنىڭ خىتايچە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن رەسىم بىلەن باشلانغان بولۇپ، 2026-يىل ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم. 9-ئۆكتەبىر شياۋخوڭشۇدا « «barber~Alim نامىدىكى تاراتقۇ ھېسابى تەرىپىدىن ئابلاجاننىڭ ئىسمى ۋە ناخشا ماۋزۇسى خەتكۈچ قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش سۈرەتلىرىدە، سىندىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئەرنىڭ چېچىنى پاسونغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ سارغايتىلغان، تىك قىلىپ تارالغان چېچى ناخشىچى گۈلمىرە تۇرغۇن «يېرىم يىل بۇرۇن چۈشكەن رەسىم» دېگەن سۈرەتتىكى ئابلاجاننىڭ چېچىغا ماس كېلىدۇ. بۇ سۈرەتلەر بىرلىشىپ بۇ سىننىڭ مۇشۇ يىلى سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. 

بۇ سىننىڭ ئېلان قىلىنىشى، مەستانىلىرى تەرىپىدىن «AJ» دەپ تونۇلغان ئابلاجاننىڭ ئاممىۋى سورۇنغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسىدۇر. خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تارقىلىۋاتقان بەزى سۈرەتلەر ۋە سىنلاردا ئۇنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا كۈلۈمسىرەپ تۇرغانلىقى كۆرۈلىدۇ. گۈلمىرە تۇرغۇنمۇ ئىككىسىنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن. سىن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ ماتېرىياللار ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى كۈچەيتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان ۋە قانداق شەرتلەر ئاستىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكى يەنىلا نامەلۇم. 

كۆزەت تورى ئابلاجاننىڭ ئۆزى، ۋەكىللىرى ياكى سىننى ئىشلىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان شىڭۋەيشىڭ مۇزىكا شىركىتى (星外星音乐) بىلەن بۇ سىننىڭ سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقتىنى دەلىللىمىدى. 

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئابلاجانمۇ تۇتقۇن قىلىنغان؛ ئامېرىكا بۇ ھەرىكەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ بېكىتكەنىدى. خىتاي بۇ ئەيبلەشلەرنى رەت قىلغان ھەمدە بۇ ئورۇنلارنى ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتىغانىدى. 

سىن نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ 

«مۇكەممەل» ناملىق سىن «阿卜拉江 AblajanAwutAyup» نامىدىكى بىر ئۈندىدار ھېسابىدا كۆرۈلگەن. تەخمىنەن ئۈچ مىنۇتلۇق بۇ سىندا  رەڭدار چىراغلار ئاستىدىكى ئۇسسۇللۇق ناخشا كۆرۈنۈشلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلاۋىسىدە سىننى شىڭۋەيشىڭ مۇزىكا شىركىتىنىڭ ئىشلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان. 

سىندا ئۇنىڭ قاچان سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوق. شياۋخوڭشۇدىكى سۈرەتلەردە بىر چاچ ياسىغۇچىنىڭ ئۆگزىدە، سۆسۈن رەڭلىك غۇۋا چىراغ نۇرى ئاستىدا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشى، سىن ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىككى پارچە كوللېكتىپ سۈرىتى كۆرسىتىلگەن. بۇ يازمىغا #AblajanAwutAyup ۋە #完美 دېگەن خەتكۈچلەر ئىشلىتىلگەن. كۆزەت تورى بۇ سىننى تەشۋىق قىلىۋاتقان سەنئەتكارلار ھېسابىنى نۆۋەتتە كىمنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىمىدى.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك «Aj流行团队» ناملىق بىر تاراتقۇ ھېسابىدا، 2026-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى تارقىتىلغان «زامان چولپانلىرى» (时光星册) ناملىق توپلام ئېلان قىلىنغان بولۇپ، چۈشەندۈرۈشىدىن قارىغاندا بۇنىمۇ ئوخشاش مۇزىكا شىركىتىنىڭ ئىشلەپ تارقاتقانلىقى، ئابلاجاننىڭ 12 ۋەكىللىك ئەسىرىنىڭ قايتا ئىشلىنىپ كىرگۈزۈلگەنلىكى دېيىلگەن. دېمەك بۇ توپلامغا ئابلاجاننىڭ 12 يېڭى ناخشىسى كىرگۈزۈلگەن ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى ناخشىلىرى تاللىنىپ توپلام قىلىنغان. 

سۈرەت چۈشەندۈرۈشى: «Aj流行团队» ھېسابى تارقاتقان بىر تەشۋىقات ئۇچۇرىدا، ئابلاجاننىڭ ناخشىلار توپلىمى «زامان چولپانلىرى» تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، ئېكراندىكى تېكىستتە ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇنىڭ يېڭى ھېسابىنىڭ «چىشۇي» (گازلىق سۇ) مۇزىكا سۇپىسىدا ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان. كۆزەت بۇ ھېسابنى كىمنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىمىدى. (ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېلىنغان ئېكران كۆرۈنۈشى)

بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇرلار ئاڭلىغۇچىلارنى ئابلاجاننىڭ چىشۇي مۇزىكا سۇپىسىدىكى يېڭى ھېسابىغا جەلپ قىلىدۇ. ئۇ يەردە ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى يېزىلغان بىر ئارخىپتا يۇقىرىقى توپلامنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى تەكرارلانغان بولۇپ، «ئوماق جانانىم» ۋە «مەشرەپ ناۋاسى» قاتارلىق ناخشىلىرىنىڭ ئىسمى كۆرسىتىلگەن. كۆزەت ئۇنى كىمنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىمىدى.

ئابلاجاننىڭ قايتىپ كەلگەنلىك ئالامەتلىرى 

9-ئۆكتەبىر «爱妃啦» (ئەلفىرە – Alfire) نىڭ تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان بىر ناخشا توپلىمىدا، ئابلاجاننىڭ ئۆي ئىچىدىكى بىر سورۇندا بىر ئايال بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرى ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى بېرىلگەن. سۈرەتكە ئېلىنغان ۋاقىت كۆرسىتىلمىگەن ھەمدە ئېنىقلانمىغان. 

مەزكۇر ھېسابنىڭ ئاپتورى «AJ نىڭ يېڭى ناخشىسى ئاخىر كەلدى» دەپ يازغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېرىم يىل ئىلگىرى بۇ ناخشىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغانلىقىنى ۋە تەييارلىق قىلىشقا ئالتە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى قوشۇپ قويغان. ئەگەر بۇ توغرا بولسا، بۇ ناخشا تەخمىنەن 2026-يىلى ئەتىيازدا ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى ۋە يېقىنلىرى ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغان بولىدۇ. ئەمما بۇ، سۈرەتلەرنىڭ تارتىلغان ۋاقتىنى كۆرسەتمەيدۇ. 

سۈرەت چۈشەندۈرۈشى: سول تەرەپتىكىسى ئابلاجان ئاۋۇت بولۇپ، 2026-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى  Alfireنىڭ ھېسابىدىن  تارقىتىلغان ناخشىلار توپلىمىدىكى سۈرەتتە بىر ئايال بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن. بۇ يازمىدا سۈرەتنىڭ قاچان تارتىلغانلىقى دېيىلمىگەن. (ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېلىنغان ئېكران كۆرۈنۈشى) 

شۇ كۈنى گۈلمىرە تۇرغۇننىڭ (خىتايچە 古丽米拉吐尔洪 دەپ يېزىلغان) ئۈندىدار ھېسابىدا تارقىتىلغان بىر ئۇچۇردا، ئۇنىڭ ئابلاجان بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى چىقىرىلغان. ئۇيغۇرچە ئىلاۋىدە: «يېرىم يىل ئالدىدا چۈشكەن رەسىمنى چىقىرىدىغان ۋاقىت كەپتۇ-دە. يېڭى ناخشىلار مۇبارەك بولسۇن، يەنىمۇ ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن ئابلاجان.» دەپ يېزىلغان. خىتايچە بىر قۇردىمۇ يېڭى ناخشىسىنىڭ تارقىتىلغانلىقى تەبرىكلەنگەن. بۇ سۈرەتلەرنىڭ ئېنىق ۋاقتى دەلىللەنمىدى.